ئېمىتىش مەزگىلىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ۋاقتى: 2013-06-14
ئاۋاتلىقى: 447 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئېمىتىش مەزگىلىدە ئانىلار دورا ئىشلەتسە، كۆپۈنچە دورىلارنىڭ ھەممىسى قان پلازمىسى-سۈت توسىقى(血浆-乳汁屏障) دىن ئۆتۈپ ئانىنىڭ سۈتىنىڭ تەركىبىگە ئۆتىدۇ. بالىلار ئانىنىڭ سۈتى ئارقىلىق قوبۇل قىلغان دورىلار بەلكىم بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىشى ياكى خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار جىگىرىنىڭ مېتابولىزم ئىقتىدارى ۋە بۆرەكنىڭ چىقىرىپ تاشلاش ئىقتىدارى تولۇق پىشىپ يېتىلمىگەن، مېتابولىزمغا كېرەكلىك ئېنزىملار بەدىنىدە تولۇق سىنتىزلىنىپ بولالمىغان بولغاچقا، دورىلارغا بولغان سېزىمچانلىقىنى يۇقىرىلىتىپ، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئاسانلا زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىپ قويىدۇ. شۇڭا ئېمىتىش مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان ئانىلار دورا ئىشلەتكەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
1. ئېمىتىش مەزگىلىدە ئىشلىتىش چەكلەنگەن دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك، ئەگەر چوقۇم ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، بالىنى ئېمىتىشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇش.
2. ئىشلىتىشكە بولمايدىغان دورىلارنى ئىشلەتكەندە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش ھەمدە بوۋاقنىڭ ئىنكاسى، ئالامەتلىرىنى كۆزىتىش.
3. ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلار مىقدارى يۇقىرى، ئىلىتىش مۇددىتى ئۇزۇن دورىلارنى ئىشلەتكەندە، دورىنىڭ بوۋاقنىڭ قېنىدىكى قويۇقلۇقىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش.
4. ئامال بار دورىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، خالىغانچە مىقدارىنى كۆپەيتمەسلىك.
5. ئانىنىڭ تېنىدىكى دورىنىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرى مىقدارغا يەتكەندە، بوۋاقنى ئېمىتىشنى توختىتىپ تۇرۇش.
6. ئېمىتىش مەزگىلىدە بالىلارغا تەسىرى بار دورىلارنى ئىشلەتكەندە، ئېمىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن بېقىپ تۇرۇش لازىم.
Tags: