ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىنىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر(9)
يانفوندا كۆرۈش
قەنت سىيىش كېسەللىكى
قەنت سىيىش كېسەللىكى ئېرسىيەت خاراكتېرى بىر قەدەر كۈچلۈك كېسەللىك. گەرچە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانا تېنىدە ئالاھىدە ئۆزگۈرۈشلەر بولمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئانا تۇغۇلغاندىلا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ گېنىنى ئېلىپ يۈرگەن بولىدۇ، ھەمدە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ كېسەللىك قوزغىلىدۇ. ھامىلىدار بولۇش دەل شۇ خىل سەۋەبلەرنىڭ بىرى. شۇڭا ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن چوقۇم بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار تۇغقانلار ئارىسىدا قەنت سىيىش كېسىلى بار-يوقلىقىنى ئېنىقلاش كېرەك.
ھامىلىدار ئاياللار قەنت سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولسا بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان، بالدۇر تۇغىدىغان، ھامىلىنىڭ زەھەرلىنىشى، باش سۈيىنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشى ۋە گىگانت بوۋاق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا قەنت سىيىش كېسەللىك تارىخى بار ئائىلىدىكى ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن ئىچكى بۆلۈمگە تەكشۈرتۈشى، نەتىجىگە ئاساسەن ھامىلىدار بولۇش-بولماسلىقنى بەلگىلىشى، ھامىلىدار بولۇشقا ماس كەلمەيدىغان، بىراق ئاللىبۇرۇن ھامىلىدار بولغان ئاياللار ھامىلىدارلىقنى ۋاقتىدا ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك.