ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئىچى سۈرۈۋاتقان بوۋاقنى قانداق پەرۋىش قىلىش كېرەك؟

ئىچى سۈرۈۋاتقان بوۋاقنى قانداق پەرۋىش قىلىش كېرەك؟

ۋاقتى: 2016-07-16 ئاۋاتلىقى: 884 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئىچى سۈرۈۋاتقان بوۋاقنى قانداق پەرۋىش قىلىش كېرەك؟

بىيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى ئىچكى بۆلۈم مۇدىر ۋىراچى دۇڭ لىجۈەن تۆۋەندىكىدەك پەرۋىش مەخپىيەتلىكى بىلەن تەمىنلىدى.

1.بالىنىڭ چوڭ كىچىك تەرىتى، قۇسۇقىنىڭ قېتىم سانى، مىقدارى، ھالىتىنى خاتىرىلەش، چوڭ تەرەت ئەۋرىشكىسىنى ئېلىۋېلىپ  دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوزىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك.
2.ئىچى سۈرۈۋاتقان بوۋاقلار ئاسانلا سۇسىزلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا يېمەكلىك پەرھىزى قوشۇلۇپ ئېغىرلىشىپ توڭۇپ تىتىرەش كېلىپ چىقىپ، مۈچىلەر مۇزلاش، بەدەن تېمپىراتۇرىسى تۆۋەنلەش كېلىپ چىققاندا گىرىلكا بىلەن
 ئىسسىتىش، كۆيدۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
3.بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈش كۆپىنچە جىددى قوزغىلىدىغان بولۇپ، داۋاملىق ئىچى سۈرگەندە بەدەندىكى سۇ ۋە ئېلېكترولىتلارنىڭ تىز سۈرئەتتە يوقىلىشىنى، جىددى سۇسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئائىلە باشلىقى ئائىلىدە 500مىللىمېتىر سۇ ياكى گۈرۈچكە 20 گرام شېكەر،1.75 گرام ئاش تۇزى قوشۇپ سۇيۇقلۇق تولۇقلىسا بولىدۇ.  ئىچى سۈرۈۋاتقان بوۋاقلارنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجى ئادەتتىكىدىن يۇقىرى بولغاچقا، دەسلىپىدىلا بوۋاقنى كۆپرەك سۇ ئىچىشكە ئىلھاملاندۇرۇش لازىم. ئىككى ياشتىن كىچىك بوۋاقلار ھەر قېتىم ئىچى سۈرگەندە 50دىن 100مىللىلېتىرغىچە سۇيۇقلۇق تولۇقلاش، ھەر كۈنلۈك قوبۇل قىلغان سۇ مىقدارى 500 مىللىلېتىردىن كەم بولماسلىق،
ئىككى ياشتىن چوڭ بالىلار سۇنى ئامال بار كۆپ ئىچىش. ھەر كۈنلۈك قوبۇل قىلغان سۇ مىقدارى 1000مىللىلېتىردىن كۆپ بولۇش، سۇسىزلىنىشتىن ساقلىنىش لازىم. ئەگەر بالىدا سۇسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈشى، ئارىلىقتا سۇيۇقلۇق تولۇقلاشنى توختىتىپ قويماسلىق كېرەك.
4.ئىچى سۈرۈۋاتقان بوۋاقلارنىڭ چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپەيسە، تەرەت لاتىسىنى پات پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ھەر قېتىم تەرەتتىن كېيىن ساغرىسىنى ئىلمان سۇدا پاكىز يۇيۇپ يۇمشاق لاتىدا سۈرتىۋېتىش كېرەك. كاسىسىنىڭ قىزىرىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەلھەملەر بىلەن مايلاپ قويۇش كېرەك.
5.ئىچى سۈرۈۋاتقان بوۋاقلار ئۇزاق مەزگىل ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلەتكەنلىكتىن ئېغىزىدا زەمبۇرۇغلار ئۆسۈپ ئېغىز يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كۆپرەك قايناق سۇ ئىچكۈزۈپ ئېغىزىنى تازىلاش، قۇسقان ۋاقىتتا دىزىنفىكسىيە پاختىسى بىلەن ئېغىزىنى تازىلاش، ئېغىز يارىسى پەيدا بولغان ئورۇنغا %1لىك گېنتىئان بىنەپشە دورا سۈيى سۈرۈش كېرەك.
6.ئېغىر دەرىجىدىكى ئىچى سۈرۈش ياكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان  ئىچى سۈرۈشتە بىمار ئاستا ئاستا ئورۇقلاپ پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلىرى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلەر دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىشى لازىم. ئىچى سۈرۈش ۋاقتىدا ساقايمىسا ئۆپكە ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7.بوۋاقلارنىڭ كىيمىنى ھاۋا كىلىماتىغا قاراپ كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش، بەك ئىسسىپ كېتىشىدىن ياكى كېچىدە قورساق قىسىمىنىڭ سوغۇغداپ قېلىشىدىن ساقلىنىش، يازدا كۆپرەك سۇ بېرىش، بەك كۆپ تاماق بېرىش ياكى ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى بېرىشتىن ساقلىنىش، ئىلمان سۇدا پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش لازىم.
8.بەدىنى ئاجىز بالىلارنىڭ پەرۋىشىنى كۈچەيتىش: ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، راخىت كېسىلى، كېسەل بولۇپ تېنى ئاجىزلاپ كەتكەن بالىلارنىڭ پەرۋىشىنى كۈچەيتىش، يېمەكلىك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، ھەرخىل يۇقۇملىنىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك. يېنىك تىپتىكى ئىچى سۈرۈشنى ۋاقتىدا داۋالاش ئېغىر ھالەتكە ئۆزگىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
9.ئۆتۈشمە ياللۇغلىنىشتىن ساقلىنىش: يۇقۇملىىنىشتىن بولغان ئىچى سۈرۈش ئاسان تارقىلىدۇ، شۇڭا يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنى، يەسلى بالىلىرىنى بېقىش ئورۇنلىرى ۋە دوختۇرخانىلار دېزىنفىكسىيە ۋە ئايرىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، يۇقۇملانغان ۋە باكتېرىيە ئېلىپ يۈرگۈچى بالىلارنى ئايرىپ داۋالىشى، چوڭ تەرىتىنى  دېزىنفىكسىيەلەپ بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك.
10.ئانتىبىئوتىك دورىلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش: كەڭ دائىرىلىك  ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، ئۈچەيدىكى باكتېرىيەلەر تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىش، دورىغا چىداملىق  باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىپ ئۈچەي ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى