ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

5 ئايلىق بوۋاقنڭ پەرۋىشىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتىلارنىڭ خۇلاسىسى

5 ئايلىق بوۋاقنڭ پەرۋىشىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتىلارنىڭ خۇلاسىسى

ۋاقتى: 2016-08-06 ئاۋاتلىقى: 623 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

5  ئايلىق بوۋاقنڭ پەرۋىشىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتىلارنىڭ خۇلاسىسى

بوۋاق 5  ئايلىق بولغاندا، ئامال بار بوۋاقنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ سۈپىتىگە  كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قانۇنىيەتلىك ئارام ئالىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش لازىم، بۇ مەزگىلدىكى بوۋاق ئاڭلىق ھالدا سۈيدۈكنى تۇتالايدۇ، سۈيدۈكنى تۇتۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش جەريانىدا ئالدىراپ كېتىشكە بولمايدۇ. تەرتىپلىك ئاستا-ئاستا يېتىلدۈرۈش لازىم. بوۋاقنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ماسلىشىش ، مەشقلەندۈرۈپ يېتىلدۈرۈش ئېلىپ بېرىش لازىم. 

بوۋاق ياستۇقىنى تاللاش: بوۋاق 5-4  ئايلىق بولغاندا ، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ بويۇن قىسىمىدا  فىزىئولوگىيىلىك ئېگىلىش يۈز بىرىدۇ، شۇڭا ئۇيقۇ ھالىتىدىكى فىزىئولوگىيىلىك ئېگىلىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باش قىسىمىنىڭ ئازادە بولۇشىغا دىققەت قىلىش لازىم. بوۋاققا پاختىلىق لۆڭگىنى ئوتتۇرىدىن ياكى يېرىمدىن قاتلاپ بوۋاقنىڭ بېشى ئاستىغا قويۇپ ئۇخلىغاندا ياستۇق قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. 

بوۋاقنى ئۈچ چۆمۈلدۈرۈش
تەبئىي مۇھىتتىكى قۇياش نۇرى، سۇ ۋە ھاۋادىن پايدىلىنىپ، بوۋاققا ئۇزۇن مەزگىللىك ئۈچ چۆمۈلدۈرۈش مەشقى ئىلىپ بارغاندا،  كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپلا قالماستىن  بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، ھەتتاكى پۈتۈن ئۆمرىگە پايدىسى بار، ياش ئاتا-ئانىلار،  بوۋاقلارنى ئۈچ چۆمۈلدۈرۈش مەشقىگە قاتناشتۇرغاننىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق. 

بوۋاقنىڭ سۈيدۈك تۇتۇشى:
بوۋاقنىڭ ھەر كۈنلۈك سۈيدۈك قىتىم سانى، ئارىلىقىنى بىلۋالسىلا بولىدۇ، ئادەتتە ئۇخلاپ ئويغانغان ۋاقتىدا، ئېمىپ بولغاندىن كېيىن ياكى چاي ئېچىپ بولغاندىن كېيىن، 15 مىنۇت ئارلىقىدا  سىيىشى مۈمكىن. ئارقا-ئارقا ئىككى قېتىمدىن كېيىن، ئارىلىقى بىرئاز
ئۇزىرايدۇ، قائىدىسىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، ئاڭلىق ھالدا سۈيدۈك تۇتالايدىغان بولىدۇ، مۇشۇنداق مەشقلەندۈرۈپ 30-15كۈنگىچە داۋاملاشتۇرسا، ئادەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، مەشقلەندۈرۈش ۋاقتىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى