بوۋاقلار زۇكامداپ قالغاندا يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ۋاقتى: 2016-02-15
ئاۋاتلىقى: 551 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاقلار زۇكامداپ قالغاندا يېمەك-ئىچمەك جەھەتتىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
بوۋاق زۇكامداپ قالغاندا قانداق يېمەكلىكلەرنى يېگەن ياخشى ؟
ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئىسسىقلىق تەركىبى يۇقىرى، مەسىلەن: شوۋىگۈرۈچ، سۈت، پۇرچاق سۈتى، كۆكتات شورپىسى، ئوتياش شىرنىسى، مېۋە شىرنىسى قاتارلىق سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلار بىلەن ئوزۇقلۇق تولۇقلىسا بولىدۇ.
قوشۇمچە داۋالاش، كېسەلگە قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان يېمەكلىكلەر: پىياز، زەنجىۋىل، سامساق، قىزىلمۇچ، زۇفا (رەيھان)، يۇمغاقسۈت، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلار. بۇ يېمەكلىكلەر سوغۇقنى ھەيدەپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ، ئومۇملاشتۇرۇپ زۇكامنى داۋالاشتىكى ياخشى مەھسۇلاتلاردۇر.
كارامبولا يەپ بېرىڭ. يېڭى كارامبولانى پاكىز يۇيىۋېتىپ يەپ بەرگەندە ئىسسىق –سوغۇقتىن بولغان يۆتىلىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئۈنۈملۈك شىپا بولىدۇ. بۇ خىلدىكى زۇكامدىغۇچىلار يېڭى كۆك نەشپۈت دېگەندەك ئىسسىققنى قايتۇرىدىغان يۇتقۇنچاققا پايدىلىق، يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك.