سۈت مىقدارىنى تاللاش ھەققىدە
يانفوندا كۆرۈش
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار دەسلەپكى ۋاقىتتا سۈت ئىچىش مىقدارى بىر قەدەر ئاز بولىدۇ، بەلكىم ھەر قېتىم پەقەت 50 مىللىلىتىر ئىچەلىشى مۇمكىن، ئادەتتە ئىككى سائەتتىلا قورسىقى ئاچىدۇ. ئىككىنچى- ئۈچىنچى ھەپتىدىن باشلاپ بوۋاقنىڭ سۈت ئىچىش مىقدارى 100 مىللىلىتىرغا كۆتۈرۈلىدۇ، سۈت ئېمىش ئارلىقىمۇ 3 سائەت ئەتراپىغا ئۇزىرايدۇ. بوۋاقنىڭ ھەر كۈنلۈك سۈت ئېمىش قېتىم سانى 8-6 قېتىمغىچە، ھەر ئىككى قېتىملىق ئېمىش ئارىلىقى 3 سائەت بولغاندا، بوۋاقنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەندىزىسى ئاساسەن مۇقىملاشقان بولىدۇ. بوۋاقنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپبوۋاقنىڭ سۈت ئېمىش ئارىلىقىدا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئەمما سۈت مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ تاكى 240-210مىللىلىتىرغىچە ئاشىدۇ. ئەگەر بوۋاق بەزى ۋاقىتلاردا ئازراق ئېمىپ قالسا ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق، بوۋاق ئۆزى تەڭشەش ئېلىپ بارالايدۇ، پەقەت بەدەن ئېغىرلىقى كۆڭۈلدىكىدەك بولسىلا بولىدۇ. بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسىمۇ مۇقىم بولمايدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا 3 سائەتكە بارمايلا ئېچىشقا باشلايدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ناھايتى ئاز ئاچىدۇ، شۇڭا بوۋاقنىڭ غىزالىنىش ۋاقتىنىڭ ئېلاستىنكىلىق بولىدىغانلىقىنى، ئۇدا بىر خىل ھالەتتە بولمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈپ-يېتىلىش ۋاقتىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىش كېرەك.