ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدار ئاياللار ئانار يېسە بولامدۇ؟

ھامىلىدار ئاياللار ئانار يېسە بولامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-07-11 ئاۋاتلىقى: 631 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدار ئاياللار ئانار يېسە بولامدۇ؟

ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانار شەربىتىنى كۆپ ئىچىپ بەرسە ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭە تەرەققىياتى زىيانغا ئۇچراش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنداقلا ئىشتىھا ياخشى بولماسلىقنى ياخشىلاپ، كۆڭلى ئېلىشىش ۋە ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، ئوزۇقلۇقلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا ئانار ھامىلىدار ئاياللارغا پايدىلىق.

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى مېڭە يىگىلەش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالىماق ئىنتايىن قىيىن بولۇپلا قالماي، كېسەللىك ئاسارىتى قالىدۇ، ھازىرقى تېببىي تېخنىكا بويىچە پەقەتلا كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن داۋاملىق يامانلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىلا بولىدۇ، ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ. ئانار شەربىتى تەركىبىدە مول پولىفېنول خىمىيىۋى بىرىكمىلەر بار بولۇپ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نېرۋا سېستېمىسى ۋە كەيپىياتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش رولى بار، شۇڭا ئانار شەربىتى ئىچكەندە ھامىلىنىڭ مېڭىسىنىڭ زىيانغا ئۇچراش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

ھامىلىدار ئاياللار ئانار يېسە ياخشى، ئانارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، مېۋە ئورنىدا يېيىشكىمۇ، شەربىتىنى ئىچىشكىمۇ بولىدۇ. ئانارنىڭ خىلىتلارنى جانلاندۇرۇپ ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئارتىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قان تومۇرلارنى يۇمشىتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، تېمپىراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار بولغانلىقتىن، بىر خىل ياخشى يېمەكلىك بولۇپلا قالماي، ئېسىل دورا ھېسابلىنىدۇ. بىراق مىقدارى مۇۋاپىق بولۇشى لازىم.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى