كۆڭۈللۈك ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت ئۈچۈن
يانفوندا كۆرۈش
جىنسىي تۇرمۇشنىڭ مەلۇم قانۇنىيىتى، قائىدە-پىرىنسىپلىرى بولمايدۇ. ئەر-ئايال قانداق ئۇسۇلنى مۇۋاپىق دەپ قارىسا شۇ بويىچە ئىش قىلسا بولۇۋېرىدۇ. ئەمما تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرەلىسىڭىز، بەلكىم تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.
1. ھۇجرىڭىزنى، يوتقان كۆرپىلىرىڭىزنى چىرايلىق، پاكىز تۇتۇڭ، بولسا بىرگە بولۇشتىن بۇرۇن خۇشپۇراق ئەتىردىن چېچىپ قويۇڭ.
2. سۇس رەڭلىك كارىۋات چىرىغى ئورنىتىپ قويۇڭ، ئۆينى غۇۋا يورۇتۇپ تۇرغان رەڭلىك چىراغ ئادەمگە بىر خىل رومانتىك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.
3. ئىچ كىيىملىرىڭىزنىڭ پاكىز بولۇشىغا، رەڭگىگە، پاسونىغا ئەھمىيەت بېرىڭ.
4. ھۇجرا ئۆيىڭىزگە چىرايلىق گۈللەرنى، ئۇ سىزگە سوۋغا قىلغان نەرسىلەرنى قويۇپ قويۇڭ.
5. يۈز-كۆزلىرىڭىز، پۇت-قوللىرىڭىزنى پاكىز يۇيۇپ، بولسا يۇيۇنۇپ كارىۋاتقا كېلىڭ.
6. ئۇسسۇزلۇقنى باسىدىغان ئوبدان ئىچىملىكلەرنى تەييارلاپ قويۇڭ.