قىشتا تۇغىدىغان ئاياللارنىڭ تەييارلىقى
ۋاقتى: 2016-03-21
ئاۋاتلىقى: 715 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئادەتتە تۆتىنچى، بەشىنچى ئايلار تۇغۇشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن ئانىلار قىش پەسلىدە تۇغۇشتىن، بولۇپمۇ قىش پەسلىدىكى يۇقۇملۇق زۇكام، قاتتىق سوغۇق ۋە تۈرلۈك كېسەللەردىن قورقىدۇ. دېمىسىمۇ، قىش پەسلى ھەقىقەتەن خەتەرلىك:
يۇقىرى قان بېسىم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى: قىش پەسلى ھاۋا سوغۇق بولغانلىقتىن، قان تومۇرلار قىسقىراپ، ئىسسىقلىق تارقىتىش ئازىيىدۇ. بۇ يۈرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقتىن، ئانا بالىنىڭ سالامەتلىكىگە ئوخشاشلا زىيانلىق. شۇڭا ئانا بولغۇچى قىش پەسلىدە قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، شارائىت يار بەرسە ئائىلىدە ھەر كۈنى بىر قېتىم قان بېسىمنى ئۆلچەپ تۇرۇش لازىم.
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابېت كېسىلى: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابېت كېسەللىكى سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىپلا قالماي، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيانلىق. شۇڭا قىش پەسلىدە قەرەللىك ھالدا ساقلىقنى ساقلاش گىمناستىكىسى ئويناش، كۆپرەك سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىش، ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم.
كالتسىي كەملىك: قىشتا بولغۇسى ئانىلاردا ئاسانلا كالتسىي كەملىك كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بىر ئىستاكان سۈت ئىچىش، كالتسىي تابلېتى يېيىشنى داۋاملاشتۇرۇش، قەھۋە، قېنىق دەملەنگەن چاي قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.
سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكى: بۇ خىل كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قىشتا كۆپرەك سۇ ئىچىپ، سۈيدۈكنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئەمەلىيەتتە، قىش پەسلى بوۋاقلار ئەڭ كۆپ تۇغۇلىدىغان پەسىللەردىن بىرى. ئانا بولغۇچىلار ئۆز سالامەتلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە ماددىي تەييارلىقلارنى ياخشى قىلىش، بارلىق جەريانلارنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. شۇندىلا ئانا ۋە بالىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.