8 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ تونۇش ھالىتى
ۋاقتى: 2016-03-24
ئاۋاتلىقى: 505 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
8 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ تونۇش ھالىتى
بۇ مەزگىلىدىكى بالىلار ئەتىراپىدىكى نەرسىلەرگە ئىشتىياق بىلەن قىزىقىدۇ، بىراق بۇنداق قىزىقىش قىسقا ۋاقىتلىق بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا يەنە باشقا بىر ھەرىكەتكە دىققەت قىلىشقا ئۆتىدۇ. مەسىلەن: ئەينەكتىن ئۆزىنىڭ سىماسىنى كۆرگەندە ئۇنى ئۇرىدۇ، سۆيىدۇ، كۈلۈمسىرەيدۇ. ئۇ يەنە چوڭلارنىڭ چىراي ئىپادىسىنى چۈشىنىدۇ. چوڭلار ماختىغاندا كۈلۈمسىرەيدۇ، تەنبىھ بەرسە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك ئىپادە بىلدۈرىدۇ.