ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدار ئاياللار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟(3)

ھامىلدار ئاياللار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟(3)

ۋاقتى: 2016-02-25 ئاۋاتلىقى: 609 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدار ئاياللار قەۋزىيەت بۇلۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟(3)

 

تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشدىغان يېمەكلىكلەر

 

ياڭيۇ: ياڭيۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئاسان ھەزىم بولىدۇ،   ھامىلىنىڭ يېتىلىشگە ياردەم بېرىدۇ، ھامىلنىڭ ساقلىقىنى ساقلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يىرىك تالالار ئاشقازاننى لۆمىلدىتىدۇ ۋە خولىستىرىنىڭ ئاشقازاندا مېتوبولىزىم ئېلىپ بېرىشنى تېزلىتىدۇ، ئاساسلىقى خولىستىرىنى تۆۋەنلىتىش ۋە تەرەت ماڭدۇرۇرۇش رولى بار. بۇنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قەۋزىيەتنى ياخشىلاشقا پايدىسى بار.

 

ئەسكەرتىش: ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىش، بىخلىنىپ قالغان ياكى كۆكىرىپ قالغان ، رەڭگى يېشىل ياكى رەڭگى سۆسۆن بولۇپ قالغان ياڭيۇنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

 

كۆممىقوناق: كۆممىقوناق بولسا قارا ئاشلىق ئىچىدىكى سالامەتلىكنى ئاسرايدىغان يېمەكلىك. تەركىبىدىكى تالا مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى. ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ھامىلدار ئاياللارغا كۆپ پايدىسى بار . ئەلۋەتتە، ئاساسلىقى يەنى تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، مېتابولىزىمنى كۈچلەندۈرۈش، تېرىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئۈنۈمى بار.

 

ئەسكەرتىش: ئىستېمال قىلغاندا بەك كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك،بولمىسا ئاشقازان سىقىلىش، قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سېرىق پۇرچاق: سېرىق پۇرچاقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممتى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇنىڭ يەنە «پۇرچاقلارنىڭ پادىشاھى»، «ئېتىزدىكى گۆش» دەپ نامى بار. ئۇنىڭ تەركىبىدە ئىنتايىن سۈپەتىلىك بولغان ئاقسىل ۋە مول بولغان يېمەكلىك تالاسى بار، بۇنىڭ ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلدار ئايالنىڭ مېتابولىزىم ئېلىپ بېرىشغا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مول، سۈپەتلىك يېمەكلىك تالاسى تەرەتنى راۋان قىلدۇ، ھامىلدار ئايالنى قەۋزىيەتتىن ياخشىلايدۇ.

 

ئەسكەرتىش: سېرىق پۇرچاقنى خام يېيىشكە بولمايدۇ، بىخلىنىپ قالغان سېرىق پۇرچاقنىمۇ ئاسانلىقچە يېيىشكە بولمايدۇ.

 

كولكاز: كولكاز ئوزۇقلۇق مول بولغان، بىر خىل ناھايىتى ياخشى بولغان ئىشقارلىق يېمەكلىك. ئۇ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى قوغداپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولى بار. ھامىلدار ئاياللار دائىم كولكازنى يەپ بەرسە، ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۈ. ئانا تېنىنىڭ ئاقسىلنى سۈمۈرۈشى ۋە ھەزىم قىلىشغا ياردەم بېرىدۇ، يەنە قان تومۇر دىۋارىدىكى چۆكمە ياغ ماددىلارنى تازىلايدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلدە قەۋزىيەت، سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى ئەڭ ياخشى يېمەكلىك.

 

ئەسكەرتىش: ئىستېمال قىلغاندا مىقدارىنى ئاشۇرۇۋەتمەڭ، ئاسانلا ئاشقازان سىقىلىش، قورساق كۈپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

بۆلجۈرگەن: بۆلجۈرگەننىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى. تەركىبىدە بەدەن زۆرۈر ئېھتىياجلىق بولغان ۋىتامىن، مېنىرال ماددا، ئاقسىل، كىسلاتا، پېكسىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، تەركىبىدىكى كاروتىننىڭ جىگەرنى قۇۋەتلەش رولى بار.

 

ياپىلاق پۇرچاق:  ياپىلاق پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ئاقسىل ۋە كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتا، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار قاتارلىقلار بار. داۋامىلىق ئىستېمال قىلغاندا تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋەتلەيدۇ، يېمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تېرىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ. پۇرچاق تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول، قەۋزىيەت ئادەم داۋاملىق يەپ بەرسە، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

 

ئەسكەرتىش: بۇنى پىشۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇشى كېرەك. ئەگەر پىشۇرۇلغان پۇرچاقنىڭ ئىچىدە پىشمىغان پۇرچاق بولۇپ قالسا، زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

 

كاللەك بەسەي: كاللەك بەسەيدە ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، ئوگسىگېنغا قارشى تۇرۇش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش رولى بار. تەركىبىدە ۋىتامىن، يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە يېمەكلىك تالاسى مول، كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئىممونىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

خام سەي: خام سەيدە ئوزۇقلۇق مول، تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن ۋە مول مىقداردىكى مېنىرال ماددىلار بار. داۋاملىق ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازان ئۈچەيدىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ، ياغ ۋە ئاقسىلارنىڭ ھەزىم بولۇشى ۋە سۈمۈرۈلۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قان تەركبىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلايدۇ، ئۈچەيدىكى توكسىننى تازىلايدۇ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

 

بامبۇك: بامبۇك تەركبىدە ۋىتامىن 1B ۋە كۆپ خىل مېنىرال ماددىلار بار . ئاساسلىقى ماي ماددىنى تۆۋەنلىتىش، قەنىت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش كۆپ خىىل تالالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەزىمگە ياردەم بېرىدۇ، ئارتۇق يېمەكلكنى تازىلايدۇ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

 

نۇقۇت: نۇقۇت تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار مېتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشگە پايدىلىق، نۇقۇت تەركىبىدە مول بولغان كىسلاتاسىنىڭ ئۈچەينى تازىلاش رولى بار.

 

تاتلىقياڭيۇ: تاتلىقياڭيۇ تەركىبىدە ھامىلىنىڭ يېتىلىشگە پايدىلىق بولغان ئوزۇقلۇق تەركىبىلەر بۇلۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېمەكلىك تالاسىنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدا ھەزىم قىلىش سۇيۇقلىنى غىدىقلاش، ئاشقازان- ئۈچەينى لۆمۈلدىتىش رولى بار، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

 

قېتىق: قېتىق تەركىبىدە مول بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، تەركىبى يېڭى بولغان سۈتنىڭ قۇۋىتى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى سۈت كىسلاتاسى، ئاچچىقسۇ كىسلاتاسى قاتارلىق ئورگانىك كىسلاتالار بۇلۇپ، ئاشقازان ئاجرالمىلىرىنى غىدىقلاپ، زىيانىلىق باكتىرىيەلەرنىڭ ئۆسۈسىشنى كونترول قىلىدۇ، ئۈچەينى تازىلايدۇ.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى