ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق ۋە يوشۇرۇن كۆزەينەك

ھامىلىدارلىق ۋە يوشۇرۇن كۆزەينەك

ۋاقتى: 2016-06-13 ئاۋاتلىقى: 625 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

يوشۇرۇن كۆزەينەك بولسا كۆزنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى بېرىكتۈرگۈچى پەردە ئۈستىگە تاقىلىدىغان نۇر سۇندۇرۇش نورمالسىزلىقىنى توغرىلايدىغان، كۆزنى چىمچىقلاتقان ۋاقىتتا كۆز يېشى ئورنىغا ئالماشتۇرىدىغان، مۈڭگۈز پەردىنى ئوكسىگېنغا ئېرىشتۈرىدىغان ھەم مىتابولىزم ھاسىلاتىنى بېرىكتۈرىدىغان ھەم چىقىرىپ تاشلايدىغان مەھسۇلات. شۇڭا مۈڭگۈز پەردە بېرىكتۈرگۈچى پەردىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەم ياش سۇيۇقلۇقىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە مىقدارى ھەممىسى يوشۇرۇن كۆزەينەك تاقىغاندا ھوزۇرلۇق ھېس قىلىش-قىلماسلىق بىلەن ئىنتايىن چوڭ مۇناسىۋىتى بار. بۇ قۇرۇلما ۋە فونكىسىيەلەرنىڭ ھەممىسى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تەسىرگە ئۇچرايدۇ. 
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 11  كىلوگىرام يۇقىرىلايدۇ، ھەم بەدەن ئىچىدە تەخمىنەن 6.5  كىلوگىرام سۇ زاپاس ساقلىنىدۇ.  مۈڭگۈز پەردىنىڭ %70 سۇيۇقلۇقى بار، شۇڭا ئۇ بولسا كۆز ئالمىسىنىڭ ئالدىدىكى يېرىم قىسمى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى كۆپەيگەن سۇنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قىسمى. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مۈڭگۈز پەردىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن %30 يۇقىرىلايدىكەن. ھەمدە ھامىلىدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىگە يېقىنلاشقانسېرى مۈڭگۈز پەردىنىڭ قېلىنلىقىنىڭ ئېشىشى تېخىمۇ روشەن بولىدىكەن. 
يەنە بىر جەھەتتىن، مۈڭگۈز پەردىنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆۋەنلەيدۇ. بۇ مۈڭگۈز پەردىنىڭ قېلىنلىق دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بىراق مۈڭگۈز پەردە رېفلېكىسى ۋە كۆز ئالمىسىنى قوغداش فونكىسىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بالىنى تۇغقاندىن كېيىنكى 6 ھەپتىدىن 8 ھەپتىگىچە ئەسلىگە كېلىدۇ. مۈڭگۈز پەردىنىڭ ياي بۇلۇڭى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلىدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە تېخىمۇ روشەن بولىدۇ. مۈڭگۈز پەردە ياي بۇلۇڭىنىڭ ئۆزگىرىشى ئەسلىدە ماس كەلگەن يوشۇرۇن كۆز ئەينەكنى ماس كەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. 
ھامىلىدارلىق يەنە ياش پەردسىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە مىقدارىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھامىلىدارلىق ئاخىرقې مەزگىلدە تەخمىنەن %80 ھامىلىدار ئايالنڭ ياش سۇيۇقلىقىنڭ ئاجرىلىشى تۆۋەنلەيدۇ. (ئاساسلىقى سۇيۇقلۇق ئاجرىلىپ چىقىش يېتەرلىك بولمايدۇ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۆز قاپقىنڭ سۇلۇق ئششىق قەۋىتى كۆز قاپىقىنىڭ ئاسان ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ماي قەۋىتىنىڭ ئاجىرلىنىشىنى بۇزۇپ، ياش سۇيۇقلۇقى پەردىسى ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق قىسمىنى پارلاندۇرىدۇ. شۇڭا ياش سۇيۇقلۇقى پەردىسىنىڭ مىقدارىنىڭ ئازىيىش خۇسۇسىيىتىنىڭ تۇراقسىزلىقى كۆز قۇرغاقلىشىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقرىپ يۇشۇرۇن كۆز ئەينەك تاقاشقا تەسىر يەتكۇزىدۇ. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى