نېمە ئۈچۈن بەڭباش ساۋاقداشلار خوجايىن بولۇپ كەتتى؟
يانفوندا كۆرۈش
4.نەتىجىسى ناچار بەڭۋاش ئوقۇغۇچىلار ۋىجدانلىق كېلىدۇشېركەت قۇرۇپ باشلىق بولغان ئادەم باشقىلارنى ئىتپاقلاشتۇرۇشقا خادىملارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك. ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر بىرخادىم خاتالىق سادىر قىلغاندا بىر باشلىق بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ خادىمىنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ ، ئۇنىڭ بېسىمى يەڭگىللەتسە كىم بۇ كىشىگە تەشەككۈر ئېيتىپ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىمەيدۇ. لېكىن دەرستە ياخشى گەپ ئاڭلايدىغان ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىنلا ئىش تېرىپ قويۇشتىن قېچىپ، ھەتتا بەزىلىرى باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تېپىپ مۇئەللىمگە چېقىپ ئۆزىنى كۆرسەتكەچكە ، بۇنداق ئادەم ئەگەر خوجايىن بولساكەچكىچە خادىملىرى بىلەن ئېتىشىپ خادىملارنى بىزار قىلىدۇ. بۇنداق بولسا كىمنىڭ بۇيەردە ئىشلىگۈسى كېلىدۇ؟شىركەت بىرەر خەتەرگە يولۇقسا ھەممىسى كۈدە كۆپىسىنى كۆتۈرۈپ قاچىدۇ.مۇنداق بىر تەمسىل بولۇپ«بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم»بۇنىڭدا دىمەكچى بولغىنى شۇ ئادەمنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئىپادىسىگە قاراپ چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولدىغانلىقىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. دېمەكچى كىچىكىدىنلار گەپ ئاڭلايدىغان بالا چوڭ بولسا شۇ تەرتىپ بويىچە بىرخىزمەتنىلا قىلىدۇ. بولۇپمۇ «تۆمۈر تاۋاق»قا ئېرىشىۋېلىپلا ئولتۇرىدۇ. كىچىكىدىلا بەڭۋاش بالا غەلىتە باشقىلار ئويلاپ باقمىغان خىياللارنى قىلغاچقا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزى ئىگىلىك تىكلەيدىغانلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ.
مەنبە: باغداش تورى