ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىنىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر(4)
يانفوندا كۆرۈش
(2) قۇرت يېگەن چىش
قۇرت يېگەن چىش بىز دائىم دەيدىغان «كاۋاك چىش»دۇر، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يېمەك-ئىچمەك ئۆرپ-ئادىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن، ھامىلىدارلار ئاسانلا ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا سەل قارايدۇ، بىراق شۇ سەۋەبتىن چىشقا چاپلىشىۋالىدىغان تاماق قالدۇقلىرى كۆپەيگەنلىكتىن، چىشتىكى باكتېرىيەمۇ كۆپىيىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېمەكلىك تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ئېچىغاندىن كېيىن كىسلاتا ھاسىل قىلىپ، چىشنىڭ كالتىسىينى چىقىرىپ تاشلىشى كۆپىيىپ، قۇرت يېگەن چىش ھاسىل بولىدۇ.
ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن قۇرت يېگەن چىش بولسا دائىم ھامىلىدارلىق سەۋەبىدىن ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن قۇرت يېگەن چىشنى داۋالاتمىغاندا كېيىن تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ جىددىي خاراكتېرلىك چىش يىلىكى ياللۇغى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، ئۇ ۋاقىتتىكى ئاغرىق ئادەمگە قەتئىي ئارام بەرمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئانا تەرەپتە قۇرت يېگەن چىش بولسا كېيىنكى ئەۋلادتىمۇ شۇنداق بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭىيىدىكەن. شۇڭا ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن قۇرت يېگەن چىشنى داۋالىتىش ئۆزىگە شۇنداقلا بالىغا بولغان مەسئۇلىيەتتۇر.