بوۋاقلارغا نېمە ئۈچۈن قوشۇمچە يېمەكلىك بېرىش كېرەك؟
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاقلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىكى بولسا ئانا سۈتى، لېكىن بوۋاق 4 ئايغا توشقاندىن كېيىن ئانا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى نىسبەتەن تۆۋەنلەپ بوۋاقلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىنى قانۇرالمايدۇ. تۆمۈر ئېلېمېنتىنى ئېلىپ ئېيتساق، بوۋاقلار ھەر كۈنى 6~10 مىللىگىرام تۆمۈرگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، لېكىن ھەر 100 گىرام ئانا سۈتى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆمۈر ئاران 1 مىللىگىرام. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ۋاقتىدا مۇۋاپىق بوۋاقلار قوشۇمچە يېمەكلىكى بىلەن ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىغاندا بوۋاقلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن. تەركىبىدە تۆمۈر، سىنك، كالتسىي ۋە ھەرخىل ۋىتامېنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بوۋاقلار قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىنىڭ سۈمۈرۈشچانلىقى ۋە ھەزىم قىلىنىشى ياخشى بولۇپ، بوۋاقلارنى بۇ مەزگىلدە زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە بوۋاقلارنى سۈتتىن ئايرىشقا تولۇق تەييارلىق ھازىرلاپ بېرىدۇ.