جۇڭگودا بوۋاقلارنىڭ DHA تولۇقلىشىنىڭ ھاجىتى يوق
ۋاقتى: 2016-09-12
ئاۋاتلىقى: 667 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
DHA «مېڭە ئالتۇنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، غەرب ئەللىرىدە بىرقەدەر ئومۇملاشقان، چۈنكى ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدە سېرىقماينى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ، ئۆسۈملۈك مېيىنى ناھايىتى ئاز ئىستېمال قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يېمەكلىكىدە DHA نىڭ كېلىش مەنبەسى يوق. ئەكسىچە جۇڭگودا بوۋاقلار DHA نى پۈتۈنلەي يېمەكلىكتىن قوبۇل قىلىدۇ. ئۆسۈملۈك مېيىدىكى كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى « ئومىگا-3» DHAقا ئايلىنالايدۇ. بىر ياشلاردىكى بوۋاقلارغا كۆكتات شورپىسى، كەسمە چۆپ قاتارلىقلارغا ئۆسۈملۈك مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان قوشۇمچە يېمەكلىكنى قوشۇپ بېرىش كېرەك. ئۆسۈملۈك يېغىنىڭ دادۇر يېغى، خاسىڭ يېغى، قىچا يېغى، قوناق يېغى قاتارلىقلارنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ، زەيتۇن مېيىنىڭ تەركىبىدە بۇنداق DHAقا ئايلىنالايدىغان ماددا يوق.