8 ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ جىسمانىي ھەرىكىتى
يانفوندا كۆرۈش
8 ئايلىق بولغان بوۋاقلارنىڭ جىسمانىي ھەرىكىتى
بوۋاقلارنىڭ 8 ئايلىق بولغاندا، قانداق جىسمانىي ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ؟
بوۋاقلار مۇنداق ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ:
مۇستەھكەم ئولتۇرالايدۇ: بۇ مەزگىلدە بالىلار ھېچنېمىگە تايانماي تۇرۇپمۇ، ھېچقانداق ياردەمسىز، بىر نەچچە مېنۇت ناھايىتى مۇستەھكەم ئولتۇرالايدۇ. ھەتتا بىر تەرەپتىن ئولتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوينايدۇ، يەنە ئوڭ سول تەرەپكە بەدىنىنى بۇرالايدۇ. گەرچە ئۇ ئالدىغا ئېڭىشەلمىسىمۇ، بىراق قولىنى ئىشلىتەلەيدۇ. يۇقىرى بەدەن مۇسكۇللىرىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ ئۆرۈلەلەيدۇ، ئۇ ھازىر ئاللىقاچان بەدىنىنى بۇرالايدۇ، ئېڭىشەلەيدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا بالىنى يالغۇز قويماسلىق كېرەك.
ئۆمىلەش: بۇ ۋاقىتتا بوۋاق ئاللىقاچان يېڭى بىر يېتىلىش باسقۇچى -- ئۆمىلەش باسقۇچىغا يېتىپ بولغان بولىدۇ. ئەمدىلا ئۆمىلەشكە باشلىغان بوۋاقلارنىڭ ئۈچ باسقۇچى بولىدۇ. بەزى بوۋاقلار كەينىگە ئۆمىلەيدۇ، بەزىلىرى ئالدىغا ئۆمىلەيدۇ. بۇ ئۆمىلەشنىڭ بىر باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. بوۋاقلارنىڭ پۇت-قولىنىڭ ھەرىكىتى ياخشى ماسلاشقاندىن كېيىن، ئۇ تىزى بىلەن تېيىنىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، كۆكرىكىنى كارىۋاتتىن ئايرىپ، كارىۋات ئۈستىدە ئۆمىلەشكە باشلايدۇ.