قىرقى مەزگىلىدىكى كۈتۈنۈشكە دائىر ئەنئەنىۋى قاراشلاردىكى ئون تۈرلۈك خاتا چۈشەنچە (3)
يانفوندا كۆرۈش
بەشىنچى: سەي قانچە تۇزسىز بولسا شۇنچە ياخشى دەپ قاراش.
نۇرغۇن كىشىلەر، تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇزلۇق تاماق يېسە بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. شۇڭا، تۇغۇتتىن كېيىنكى دەسلەپكى بىر قانچە كۈندە تاماققا ئازراقمۇ تۇز سالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىش ئەكسىچە زىيانلىق. ئازراق مىقداردىكى تۇز تۇغۇتلۇق ئاياللارغا پايدىلىق. تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن كۆپ تەرلەيدۇ، سۈت بېزىنىڭ ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىشى كۈچىيىدۇ. شۇڭا تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ تېنىدە ئاسانلا سۇ ۋە تۇز كەملەپ كېتىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا تۇز تولۇقلاش كېرەك.
ئالتىنچى: تۇخۇمنى قانچە كۆپ يېسە شۇنچە ياخشى دەپ قاراش
تۇخۇمدا ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، ھەم ئاسان ھەزىم بولىدۇ، شۇڭا تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ تۇخۇمنى قانچە كۆپ يېسە شۇنچە ياخشى دېگەنلىك ئەمەس. بىر قىسىم تۇغۇتلۇق ئاياللار بىر كۈن ئىچىدە 20 ~ 10 تۇخۇمنى يەۋېتىدۇ، ئۇنى ھەزىم قىلالمايلا قالماستىن، يەنە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا تۇغۇتتىن كېيىن ھەر كۈنى 3~ 2 گىچە تۇخۇم يېسە يېتەرلىك بولىدۇ.