بالىنى توغرا تەنقىدلەشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى(1)
يانفوندا كۆرۈش
بالىلارنى تەنقىدلەش ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەش، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. كونىلار «پرىنسىپ بولمىغاندا مۇكەممەللىك بولمايدۇ» دەپ توغرا ئېيتقان. ئەگەر بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيە بېرىشى ۋە تەنقىد قىلىشى تەبىئىي ئىش. ئەمما بالىلارنى تەنقىدلەشنىڭ ئۇسۇلىمۇ ئىلمىي بولۇشى كېرەك. ئەگەر تەنقىد-تەربىيە توغرا بولمىغاندا، بالىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قارىتا توغرا رولىنى جارى قىلدۇرالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە رول ئويناپ قالىدۇ. ئۆيدە بالىلارنى تەربىيەلىگەندە قانداق تەنقىدنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ؟ تۆۋەندە ئىلمىي ۋە ئاقىلانە بولغان ئون خىل تەنقىدلەش ئۇسۇلىنى سۆزلەيمىز.
1. نەسىھەت قىلىش
مىسال: بالىلار دوستلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغاندا، ئويۇنچۇقلىرىنى تالىشىپ قالغاندا...
تەنقىد قىلىش ئۇسۇلى: ئاۋۋال قولىڭىزدىكى ئىشىڭىزنى قويۇپ، بالىڭىزنىڭ يېنىغا كېلىڭ، ئۇ سىزنىڭ ھەرۋاقىت ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلسۇن، ئاندىن بالىڭىزدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى، نېمە سەۋەبتىن ئۇرۇشقانلىقىنى سوراڭ، شۇنداقلا بالىڭىزنىڭ بايانلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ. ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بۇنداق يولسىزلىق قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى سۆزلەڭ. ئادەم ئۇرۇش ۋە باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى تارتىۋېلىش قىلمىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىدەك ئىدىيەنى كاللىسىغا سىڭدۈرۈڭ، شۇنداقلا ئۇنى ھەمراھىدىن كەچۈرۈم سوراشقا بۇيرۇڭ. ئۇنىڭغا «كەچۈرۈڭ، رەھمەت، مەرھەمەت» دېگەندە ئوخشاش سۆزلەرنى ئۆگىتىڭ.
تەكلىپ: ئۇنىڭغا ۋارقىراپ ئۇنى قورقۇتماڭ، ئۇنى سىلكىمەڭ، ئۇنى ھاقارەت قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلماڭ.