ھامىلىدارلىقنىڭ 37-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنڭ يېتىلىش ئەھۋالى
ۋاقتى: 2016-08-03
ئاۋاتلىقى: 620 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالىڭىز ھامىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئېيى ئاللىقاچان توشۇپ بولغان بولۇپ ـــ بۇ بالىڭىزنىڭ ھازىر تولۇق يېتىلىپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ بالىياتقۇنىڭ سىرتىدىكى مۇھىتقا تەييارلىق قىلىپ بولدى. بالىڭىز ھازىر تەخمىنەن 2. 7 كىلوگىرامدىن سەل ئېغىرراق بولۇپ، بېشىدىن پۇتىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 50. 8~40. 2 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. نۇرغۇن بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بېشىغا چېچى بۇلىدۇ. ئاز ساندىكى بوۋاقلار تۇغۇلغاندا ئاساسەن چېچى يوق ياكى ئازراقلا سۇس تۈكلەر بولىدۇ.