پۈتۈن بەدەن كۆيۈپ كېتىش ۋە سۇغا چۈشۈپ كېتىشنى بىر تەرەپ قىلىش
ۋاقتى: 2016-07-23
ئاۋاتلىقى: 664 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
پۈتۈن بەدەن، بەدەننىڭ كۆپ قىسمى ياكى چوڭ كۆلەملىك كۆيۈپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ھەرگىز ئالدىراپ دورا ئىشلەتمەستىن، پەقەت پاكىز رەخت بىلەن بالىنى ئورىغاندىن كېيىنلا دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش، بالىنىڭ بەدىنىنىڭ سۇسىزلىنىپ شۈك بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بالىغا ئازراق تۇز قوشۇلغان سۇ ئىچۈرۈشكە بولىدۇ.
سۇغا چۈشۈپ كېتىش: ئاساسلىقى تۇنجۇقۇپ قالغۇچىنى جىددىي قۇتقۇزۇش. ئالدى بىلەن بالىنى تەتۈر كۆتۈرۈپ شاپىلاقلاپ سۇنى بەدەنگە كىرىپ كەتكەن سۇنى چىقىرىپ تاشلىغاندىن كېيىن سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك، بىرقەدەر چوڭ ياشتىكى بالىلارغا نىسبەتەن بالىنىڭ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ياتقۇزۇپ سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.