بوۋاقلارنىىڭ ئەقلىنى بالدۇر يېتىلدۈرۈش مەشىقىنى قانداق ئىشلەش كېرەك
ۋاقتى: 2016-08-07
ئاۋاتلىقى: 653 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بوۋاقلار يېڭى دۇنياغا كۆز ئېچىپ بەش ھەپتىلىك بولۇپلا كۈلۈمسىرەش، پۇراش، مەنىلىك ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق ئىنكاسلار بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بوۋىقىغا مەقسەتلىك ھالدا ئەقىل-ئىقتىدارىنى تېز يېتىلدۈرۈش مەشىقىنى ئىشلەپ بېرىش كېرەك.
لېنتا ئۇچۇرۇش: بىر قانچە تال رەڭلىك لېنتىنى بىر باغلام قىلىپ دېرىزىگە ئېسىپ دېرىرە شامىلى ئارقىلىق لەپىلدىتىپ بوۋاقنى 30 سانتېمىتىر ئارىلىقتا كۆرسىتىش مەشىقىنى ئىلىپ بارسا كۆرۈش ئىقتىدارى تېز ئاشىدۇ. ئەسكەرتىش : تەسەۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتا، باشقا بويۇملارنى پۇلاڭلىتىپ كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى ئىشلەپ بىرىش كېرەك.
قوڭغۇراق ئويناش : بالىلارغا قوڭغۇراق قاتارلىق ئاۋازى چىقىدىغان كىچىك ئويۇنچۇقنى تۇتقۇزۇپ، دەسلەپتە ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ قوڭغۇراق تۇتقان قولىنى سىلكىپ مەشىق قىلدۇرسا، كىيىن بالىلار ئۆزلكىدىن ئىشلىيەلەيدىغان بولىدۇ. ئەسكەرتىش : تەكرار مەشىق قىلدۇرغاندا، ئويۇنچۇقنىڭ ھەجىمى، ئىغىرلىقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مېڭىش: بالىلار خۇشال بولغان چاغدا، ئاتا- ئانىلار بالىلارنى ئۇياقتىن بۇياققا ماڭدۇرۇش ۋە رەڭلىك شار، رەڭلىك لېنتا، ئاۋازلىق قوڭغۇراق قاتارلىقلارغا بولغان سەزگۈسىنى ئاشۇرۇش مەشىقىنى ئىشلىتىش كېرەك. بالىلارغا نىسبەتەن ئەتراپتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن يېڭى ھەم غەلىتە كۆرۈنىدۇ. ئەسكەرتىش : بالىلارنى تەربىيەلەشتە ئۇلارنىڭ كۆرۈش، ئاڭلاش ئىقتىدارىغا دىققەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق تۇققانلارغا مېھرى-مۇھەببىتىنى ئاشۇرۇش: بالىلارنى يېقىن تۇققانلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ تۇرۇش كېرەك. تۇغقانلار بالىلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ، چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئەركىلىتىپ ئوينىتىپ بەرگەندە، ئۇلارغا يېقىنلىشىدىغان، ئۆز كۆرىدىغان ئۇلارنىڭ ئۆيىدە قېلىشنى خالايدىغان بولىدۇ ھەم ئۇلارغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتى ئاشىدۇ.
ئەسكەرتىش: بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئايرىلغان ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولسا، بالىلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىرى بولىدۇ.