تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى
ۋاقتى: 2015-10-04
ئاۋاتلىقى: 699 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئادەتتە-تۇغۇتتىن كېيىنكى ئىككى-ئۈچ كۈندە ئاسان ھەزىم بولىدىغان سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى، مەسىلەن: شوۋىگۈرۈچ، سۇيقاش، يېڭى گۆش بىلەن قورۇلغان ئوتياش، يېڭى بېلىق گۆشى ياكى تۇخۇم قاتارلىقلار بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.
ئۈچ كۈندىن كېيىن ئادەتتىكى غىزالار بىلەن ئوزۇقلانسا بولىدۇ. ئەمما ئاچچىق يېمەكلىكلەر مەسىلەن: قىزىلمۇچ، قىچا تالقىنى، زەنجىۋىل قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىنىڭ يۇقۇملىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا تۇخۇمنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك. قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتا گۆشلۈك ۋە گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇش، ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم ئوزۇقلىنىش، كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ خالىغان ۋاقىتتا نىسبەتنى تەڭشەش لازىم. ئەگەر قەۋزىيەت بولسا مېۋە-چېۋە ۋە يېڭى ئوتياشلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش؛ قان ئاز بولسا قوي جىگىرى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. سۈت چۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كەچقۇرۇن شوۋىگۈرۈچ، پېچىنە – پىرەنىك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتسە بولىدۇ. ئومۇمەن، تۇغۇتلۇق ئاياللار يېمەك-ئىچمەكتە مىقدارى مۇۋاپىق بولۇش، ياغلىق تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىلىق بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.