مەنىي ۋە ئاياللارنىڭ جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىنىڭ كۆپ چىقىپ كېتىشى سالامەتلىككە زىيانلىقمۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
مەنىي ئەرلەر جىنسىي ئالاقىدە يۇقىرى پەللىگە چىققاندا ئېتىلىپ چىقىدىغان سۇيۇقلۇق، ئاياللار جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى ئاياللار جىنسىي ئالاقىدە يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە ئاجرىلىپ چىقىدىغان زور مىقداردىكى سۇيۇقلۇق بولۇپ، بۇ ئىككى سۇيۇقلۇق جىنسىي ئالاقىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەرلەردە مەنىي ئېتىلىشتىن بۇرۇن زەكەردىن نۇرغۇن سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىدۇ، ئاياللارمۇ جىنسىي ئالاقىدە مەلۇم ھاياجانلىنىش باسقۇچىغا يەتكەندە جىنسىي ئەزادىن نۇرغۇن سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. جىنسىي قوزغىلىشى قانچە كۈچلۈك بولسا، ئاجرالمىلار شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
قەدىمدىن تارتىپ كىشىلەر: بىر تامچە مەنىي 10 تامچە قانغا باراۋەر، ئۇ قاننىڭ جەۋھىرى دېگەن خاتا قاراشتا بولۇپ كەلگەن، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خىل خاتا قاراش بولۇپ، جىنسىيەت ساۋاتلىرىنىڭ كەمچىللىكىدىن كېلىپ چىققان.
تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، مەنىينىڭ %90 سۇ، قالغان %10 لا ئاقسىل، شېكەر ۋە مىنېرال ماددىلار ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئۇ مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى ۋە ئۇرۇقدان خالتىسى سۇيۇقلۇقىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەر قېتىملىق جىنسىي ئالاقىدە ئېتىلىپ چىقىدىغان مەنىي مىقدارى 2~6 مىللىلىتىر بولىدۇ. بۇ ئازغىنە ئاجرالما ئادەم بەدىنىدە كۈندە قوبۇل قىلىپ تۇرىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارغا سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.
ئاياللاردىن ئاجرىلىپ چىقىدىغان سۇيۇقلۇقنىڭ تەركىبىمۇ ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە ھېچقانداق زىيىنى يوق. مەنىي ۋە ئاياللارنىڭ جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى ئۈزلۈكسىز خوراپ ۋە قايتىدىن پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا خوراپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەلۋەتتە ياشلار بولسۇن، ياشانغانلار بولسۇن جىنسىي ئالاقە قېتىم سانىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىشى كېرەك. چۈنكى، ئاجرالمىلارنىڭ كۆپ خوراپ كېتىشىنىڭ سالامەتلىككە زىيىنى بولمىغان بىلەن جىنسىي بەزنىڭ ئىقتىدارىمۇ باشقا ئەزالارغا ئوخشاشلا چەكلىك بولىدۇ، ئىقتىدارىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىش جىنسىي بەزنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىي ئالاقىدە ئېنېرگىيەنىڭ خورىشى بەك كۆپ بولغاچقا، زىيادە كۆپ جىنسىي ئالاقە سالامەتلىككە پايدىسىز. بۇنىڭغا ياشانغانلار تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.