ھامىلىدارلىقنىڭ 4-ھەپتىسىدە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-02
ئاۋاتلىقى: 650 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
1. ھەيز ۋاقتى سۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئادەتتە ھەيز دەۋرى نورمال بولۇپ، يېقىندا جىنسىي تۇرمۇش بولغان، ھەمدە ھەيز كەلمەي بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، ھامىلىدار بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
2. كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولۇش. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن كۆپىيىش ئەزالىرىغا قان تولۇپ داس بوشلۇقىنى بېسىۋالغاچقا كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىپ كېتىدۇ.3. كۆكسى يوغىناپ ئازراق ئاغرىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
4. كۆڭلى ئېلىشىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، چارچاش، ئۇيقۇسى كېلىش قاتارلىق سېزىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.