تۇغۇت تەييارلىقى-كىيىم-كېچەك
يانفوندا كۆرۈش
كىيىم-كېچەك
بوۋاقنىڭ كىيىمى ئاددىي، قولايلىق، يېنىك، ئىسسىق ساقلايدىغان، تېرىگە نىسبەتەن غىدىقلاش تەسىرى بولمىغان بولۇشى، كىيىملەرنىڭ ماتېرىيالى يۇمشاق، سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك، رەڭگى سۇس بولغان پاختا رەختتىن بولۇشى لازىم. يازدا سالقىن، قىشتا ئىللىق بولۇشى ئۈچۈن پەسىللەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن كەڭ، يۇمشاق،كىيىش-سېلىش قولايلىق بولغان ئوخشىمىغان قېلىنلىقتىكى كىيىملەرنى تاللاش، بوۋاقنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىيىملەر ئىمكانقەدەر تۈگمە قادالمىغان بولۇشى كېرەك.
بوۋاقنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈنكىيىمنىڭ بوغقۇچلىرىنى بەك چىڭ بوغۇۋەتمەسلىك، بەل رېزىنكىلىك ياكى ئاسما ئىشتانلارنى تاللاش، ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن كىيىم كېچەكلەرنىڭ ھەرخىللىرىدىن 2-3قۇردىن تەييارلاش لازىم،