ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟
يانفوندا كۆرۈش
1. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش،ئاساسلىقى قان بېسىمىنى ئۆلچەش، سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارىنى تەكشۈرۈش ھەم ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش.
2. ئارام ئېلىش بىلەن ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىش كېرەك. كۆڭۈل ئازادە، روھىي تېتىك بولۇش، ھەر كۈنى 10 سائەتتىن ئارتۇق يېتىپ ئارام ئالسا ھەمدە يان تەرەپنى بېسىپ يېتىپ بەرسە، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، بۆرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. ھەددىدىن زىيادە تۇزلۇق تاماق يېيىشتىن ساقلىنىش، ئاقسىل بىلەن ۋىتامىننىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
3. پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ۋاقتىدا ساقلىنىش. مەسىلەن قان كەملىكنى بايقىغاندا ۋاقتىدا تۆمۈر ماددىسىنى تۇلۇقلاش؛ پۇت قىسمىنىڭ ئىششىغانلىقىنى بايقىغاندا پۇتىنى ئېگىز قويۇپ يېتىپ ئارام ئېلىش ۋاقتىنى كۆپەيتىش؛ قان بېسىمى سەل يۇقىرى ئەھۋالدا ۋاقتىدا دورا ئىچىش. ئالامەتلەر ئېغىر بولغاندا ھامىلىدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلىنىپ بېقىش كېرەك.
4. ئۆتمۈشتىكى كېسەللىك تارىخىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بۆرەك ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللىك تارىخى بولغان ھەمدە ئالدىنقى قېتىم ھامىلىدار بولغاندا ھامىلىدارلىقتىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ھامىلىدارلارغا دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا نۇقتىلىق ھالدا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش كېرەك.