ھامىلىدارلىقنىڭ 5-ھەپتىسىگە كىردىم، قورسىقىم يىڭنە سانجىغاندەكلا ئاغرىۋاتىدۇ، بۇ نېمە ئىشتۇ؟
ۋاقتى: 2016-02-23
ئاۋاتلىقى: 622 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 5-ھەپتىسىگە كىردىم، قورسىقىم يىڭنە سانجىغاندەكلا ئاغرىۋاتىدۇ، بۇ نېمە ئىشتۇ؟
جاۋاب: بۇ ئاساسەن نورمال ئەھۋال، بەلكىم تۆرەلمە بالىياتقۇ ئىچىدە تېز سۈرئەتتە يوغىناۋاتقان بولۇشى ياكى پەيلەرنىڭ تارتىشى سەۋەبىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. قان كەلمىسىلا بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەلۋەتتە، قورساق ئاغرىقى بەك ئېغىر بولسا، سىز يەنە ئېھتىيات قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، بەلكىم بويىدىن ئاجراپ كېتىشنىڭ ئالدىدىكى ئالامەت بولۇشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا ياخشى ئارام ئېلىپ، كۆپ ھەرىكەت قىلماڭ. ياخشىسى ئاياللار بۆلۈمىگە كۆرۈنۈپ تەكشۈرۈتۈپ بېقىڭ، شەلۋەرەش ياكى داس بوشلۇقى ياللۇغى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.