يۇيۇندۇرۇش
ۋاقتى: 2016-01-17
ئاۋاتلىقى: 1275 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالا تۇغۇلغاندا ئۈستى-بېشىغا تۇغۇتقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ماددىلار چاپلاشقان بولىدۇ، شۇڭا، بالا تۇغۇلۇپ كىندىكى كېسىلگەندىن كېيىنلا، ئۇنىڭ ساغلام بەدەن، چىداملىق بولۇشى ئۈچۈن يۇيۇندۇرۇشقا تەييارلىق قىلىنىدۇ. يۇيۇندۇرۇشقا ياغاچ داس ياكى تۈنىكە داس تەييارلىنىپ، ئىچىگە بوۋاقنىڭ يۇمران بەدىنى كۆيمىگۈدەك ئىسسىق سۇ قۇيۇلىدۇ، سۇغا ئازراق تۇز سېلىنىدۇ، سۇغا يەنە ھەر خىل ئېرەملىك دورا-دەرمانلاردىن ئالما قېقى، ئادراسمان، ئارتىش ياپرىقى، ئالتۇن ۋەرەقلەر سېلىنىدۇ. ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ، ئاندىن تۇغۇت ئانىسى، ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ياردىمىدە بالا سۇغا سېلىنىپ يۇيۇندۇرۇلىدۇ، يۇيۇندۇرۇشتا بىر ئادەم سۇ قۇيۇپ بەرسە، يەنە بىرى يۇيىدۇ. ئالدى بىلەن باش قىسمى پاكىز يۇيۇلۇپ، ئاندىن بەدىنى يۇيۇلىدۇ. بالىنى يۇيغاندا يۇمران تېرىسىنى زەخملەندۈرۈپ قويماسلىق، سۇ بەك ئىسسىق ياكى بەك سوغۇق بولۇپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئاندىن ئېغىزى پاكىز تازىلىنىدۇ. ئاندىن پۈتۈن بەدىنى بالىلارغا ماس كېلىدىغان ئۇپا بىلەن ئۇپىلىنىپ، زاكىلاشقا تەييار قىلىنىدۇ.