ھامىلىدارلىقنىڭ 31-ھەپتىسىدە ئەسۋە پەيدا بولۇپ قالسا...
ۋاقتى: 2016-01-29
ئاۋاتلىقى: 704 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئۆت بوياق ماددىسى يىغىلىپ قېلىش يىغىندى ئالامىتى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىش كېرەك. بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق خەتىرى بولسا ھامىلىنىڭ تۇغۇلىشىغا نىسبەتەن ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن: بالدۇر تۇغۇش، ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە يېتىلىشى كېچىكىپ كېتىش، ھامىلىگە بالىياتقۇ ئىچىدە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، ھامىلە بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆلۈپ قېلىشنىڭ ئېھتىماللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھامىلىنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە ئۆلۈپ قېلىشى تۇيۇقسىز بولۇپ ئالدىن پەرەز قىلىش قىيىن. ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاياللار بۆلۈمىگە كۆرۈنۈپ ئېنىق دىياگنوز قويغاندىن كېيىن ئالامىتىگە قارىتا داۋالىتىش تەكلىپىنى بېرىمىز. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىگەر ئىچىدىكى ئۆت بوياق ماددىسى يىغىلىپ قېلىش ئالامىتى ھامىلىدار ئايال تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ، كېسەللىك كېيىنكى ئالامىتى ياخشى، ئارتۇقچە جىددىيلەشمەڭ.