ھامىلىدارلىق 31-ھەپتىسىدىكى ھامىلىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى
ۋاقتى: 2015-05-14
ئاۋاتلىقى: 645 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
سىزنىڭ بالىڭىز بۇ ۋاقىتتا تەخمىنەن 40.6 سانتېمىتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ ئېغىرلىقى 1.4 كىلوگىرامدىن ئازراق ئېغىر كېلىدۇ، ئۇ پات يېقىندا يېتىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ھامىلە بېشىنى بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپكە يۆتكىيەلەيدۇ، ئەلۋەتتە ئۇ تېخى بۇ ھەرىكەتنىڭ مەنىسىنىڭ 《ياق》ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، بىراق بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن سىز ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھەم باشقا ھەرىكەتكە بولغان چۈشىنىش سۈرئىتىگە قاراپ ھەيران قالىسىز. ئۇ يەنە تېخى تېرە ئاستىغا بىر قەۋەت ماي قاتلىمىنى ساقلاپ تۇغۇلۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ. ھامىلىنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە ھەپتىدىن بۇيان يىغقان ماي قاتلىمى ئۇنىڭ بىلەك بىلەن پۇتىنى سەمىرىتىۋېتىدۇ.