ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلدار ئاياللار بەدەن ئېغىرلىقنى قانداق كونترول قىلىشى كېرەك

ھامىلدار ئاياللار بەدەن ئېغىرلىقنى قانداق كونترول قىلىشى كېرەك

ۋاقتى: 2016-07-04 ئاۋاتلىقى: 774 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلدار ئاياللار بەدەن ئېغىرلىقنى قانداق كونترول قىلىشى كېرەك

ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۈچ باسقۇچتىكى يېمەكلىك ئۆلچىمى

ھامىلدارلقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى 

ھامىلدارلقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ھامىلدار ئانىلار ماي مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىشى، ئاقسىل مىدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشى كېرەك. يېمەكلىك ئادىتى ھامىلدارلىقتىن بۇرۇنقى بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك، بىراق بۇرۇنقى ناچار يېمەكلىك ئادەتلىرىنى چوقۇم ئۆزگەرتىشى، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشى كېرەك. بۇ ۋاقتتا ھامىلىگە ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىكىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز. تېخىمۇ بەك «بىر ئادەم يەپ، ئىككى ئادەم تولۇقلاش»تەك خاتا قاراشقا ئەگەشمەسلىك كېرەك.

قانداق يېيىش كېرەك؟

ھامىلدارلىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يېڭى ۋە تۇزسىز يېمەكلىكلەر ئاسان ھەزىم بولىدۇ. كۆپىنچە ھامىلدار ئاياللاردا 6-5 ھەپتىدە كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىق ھامىلدارلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، بەزىدە تاماق تاللاش، تاماقتىن سەسكىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋال، ئادەتتە 3 ئايدىن كېيىن تەبئىي ھالدا يېنىكلەيدۇ ياكى يوقايدۇ. ھامىلدار ئايال بۇ بىر مەزگىلدە ئامال بار تۇزسىزراق ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى، تاماق يېگەندە ئىچىملىك ۋە شورپىلارنى ئاز ئىچىشى، ھەرخىل زىيانلىق غىدىقلىنىشلاردىن ساقلىنىشى، تەركىبىدە ئىسپىرت ۋە كوففېئىن بولغان ئېچملىكلەرنى ئىچمەسلىكى كېرەك.

 
ئۆزىنىڭ يېمەكلىك ئاددىتىنى تەكشۈرۈش

ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ كېتىش كۆرۈلسە، ھامىلدارلار ئۆزىنىڭ يېمەكلىك ئادىتىنى تەكشۈرۈشى، يېقىندىن بۇيان تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ياكى پىششقلانغان يېمەكلىكلەر، مايدا قورىغان يېمەكلىكلەر، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەن-يېمىگەنلىكنى كۆزىتىشى كېرەك، چۈنكى يۇقارقى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئاسانلا ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ يېمەكلىك ئاددىتى ھامىلدارلىقتىن ئىلگىرىكى بىلەن ئانچە چوڭ پەرق قىلمىسا، نورمال ئوزۇقلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولىدۇ. بىراق ھەرىكەت بەك ئاز، بېسىم  بەك ئېغىر بولسا، بۇمۇ ئاسانلا بەدەن ئېغىرلىقنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ھامىلدارلار ئامال قىلىپ ئۆزگەرتىشى كېرەك.


ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى 


ھامىلدارلىىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلدە ھەرىكەت مىقدارىنى جىقايتىشى كېرەك، چۈنكى ھەرىكەتنىڭ ھامىلدارلارغا نىسبەتەن ناھايتى چوڭ ياردىمى بار، ئېغىرلىقنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ كېتىشىنى كونترول قىلغاندىن باشقا، يەنە بىر قىسىم ھامىلدارلىق مەزگىلدىكى ماسلىشالماسلىقنى ئۆزگەرتىشكە، ئوڭوشلۇق يەڭگىشىگە پايدىسى بار. بۇ مەزگىلدە ئاستا مېڭىشقا ئوخشاش يېنىك ھەرىكەت ئۇسۇللىرنى تاللاش كېرەك.
جاڭ يالىن ئوزۇقلۇقشۇناس مۇنداق دېگەن: «ئامىرىكا ئاياللار بۆلۈمى مېدىتسىناسى 2005-يىلى  ھامىلدارلارنىڭ ھەر قېتمىلىق ھەرىكەت ۋاقتى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەلۋەتتە، ھامىلدارلار ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشىسە بولىدۇ.» 
قانداق يېيىش كېرەك؟

ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە گۆشلۈك-گۆشسىزنى ئارىلاشتۇرۇپ، يىرىك-يۇمشاقنى ماسلاشتۇرۇپ، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئوزۇقلنىشى كېرەك. تۈرىنى جىقايتىشى كېرەك. 4 ئايدىن كېيىن، ھامىلدارنىڭ ھامىلدارلىق ئالامەتلىرى ئاجىزلايدۇ، ئىشتىھاسى ياخشىلىنىدۇ، ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە ئاشىدۇ، بۇ مەزگىلدە مايدا قورىغان يېمەكلىكلەرنى، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەۋېلىشتىن ساقلنىشى كېرەك. تۆمۈر مىقدارى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى، مەسلەن ھايۋانات جىگىرى ۋە كالا گۆشى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى، تۆمۈر كەملىكتىن كېلىپ چىقىدىغان قان ئازلىقتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئەگەر داۋاملىق پەي تارتسا، بەلكىم كالتسىي كەملىكنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا كالتسىي مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېيىشى كېرەك، مەسلەن سۈت تۈرىدىكىلەر، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، راك، خەيدەي قاتارلىقلار.


ھامىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلى 

ھامىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، ئۈچ ۋاق تاماق ئارىسىدىكى قوشۇمچە يېمەكلىك مىقدارنى كونترول قىلىش ئەڭ مۇھىم. كىراخمال مىقدارى كۆپ بولغان ۋە ماي مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش، ئەڭ ياخشىسى تورت قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، مېۋە-چېۋىلەرنى يېيىش، سۈت ئېچىش ياكى بۇغداي ئۇنىدىن قىلغان بولكىلارنى يېيىشى كېرەك، ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك.
قانداق يېيىش كېرەك؟

ھامىلدارلىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە يېمەكلىكنىڭ سۈپىتىگە ۋە تۈرىنىڭ تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ ئاي بولسا ھامىلىنىڭ يېتىلىشى ئەڭ تېز بولغان باسقۇچ، بۇ ۋاقتتا ھامىلدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى ئاساسىدا ئېنىرگىيە مىقدارى، ئاقسىل ۋە زۆرۈر ماي كىسلاتاسى مىقدارنى كۆپەيتىش كېرەك، قەنىت ۋە ماينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، ھامىلىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئەگەر تۇغۇت مەزگىلىگە يىقىن ئېشىش كۆرۈلسە، تۇز مىقدارىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى