11 ئايلىق بوۋاقنىڭ يېتىلىش ئۆلچىمىنىڭ خۇلاسىسى
ۋاقتى: 2016-07-30
ئاۋاتلىقى: 579 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
11 ئايلىق بوۋاقنىڭ يېتىلىش ئۆلچىمىنىڭ خۇلاسىسى
11 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقنىڭ يېتىلىش ئۆلچىمى
بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ يېتىلىش ئۆلچىمى
ئون ئايغا توشقان ئوغۇل بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 11.7~7.6 كىلوگرامغىچە، قىز بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 10.9~6.9 كىلوگرامغىچە بولىدۇ. مۇشۇ ئايدا بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 0.22~0.37 كىلوگرامغىچە ئېشىشى مۇمكىن.
بوي ئېگىزلىكىنىڭ يېتىلىش ئۆلچىمى: ئوغۇل بوۋاقنىڭ بوي ئېگىزلىكى 68.3~78.9 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ، قىز بوۋاقنىڭ بوي ئېگىزلىكى 66.2~77.3 سانتىمىتېرغىچە بولىدۇ. مۇشۇ ئاي ئىچىدە بوۋاقنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.0~1.5 سانتىمېتىرغىچە ئۆسەلەيدۇ.
مېڭە لىپىلدىقىنىڭ يېتىلىش ئۆلچىمى: ئاز ساندىكى بوۋاقلارنىڭ مېڭە لىپىدىقى ناھايىتى تېزلا يېپىلىدۇ.
باش ئايلانمىسىنىڭ يېتىلىش ئۆلچىمى: باش ئايلانمىسى 0.67 سانتىمېتىر ئاشىدۇ.
چىشنىڭ يېتىلىش ئۆلچىمى: تۆت تالدىن ئالتە تالغىچە سۈت چىشى ئۆسۈپ چىقىدۇ
11 ئايلىق بوۋاقنىڭ بەدەن ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىش ئۆلچىمى: ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ، بوۋاق ئۆزى ئۇچرىغان نەرسىلەرگە تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا چۆكەلەيدۇ. ھەرىكەت قىلىش قۇرۇلمىسى بار ئويۇنچۇقلار ناھايىتى ئاسانلا بوۋاقنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. چۆرگىلەۋاتقان چاق، يۆتكىگىلى بولىدىغان پىشاڭ ۋە تۇتاشتۇرغىلى بولىدىغان شارنىر ھەمدە كىچىك تۆشۈكمۇ بالىلارنى ناھايىتى جەلپ قىلىدۇ، چۈنكى بوۋاق بارمىقىنى ئىچىگە تىقالايدۇ. ئۇنىڭ ئقتىدارى پىشىپ يېتىلگەندە كىچىك نەرسىلەرنى ئىچىگە كىرگۈزەلەيدۇ. ئويۇنچۇقلارنى تاشلىۋىتىپ ئۆزى تېرىپ ئەكىلەلەيدۇ، ئوڭۇشلۇق ئۈستەل ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىپ ھەمدە بىللە ئېلىپ بىللە قويالايدۇ. قولىنىڭ ھەرىكىتى كۆرۈنەرلىك ئەپچىل بولىدۇ، باش بارماق ۋە بېگىز بارمىقى بىلەن ئۆزى بىلىدىغان نەرسىلەرنى تۇتالايدۇ. ھەرخىل ئويۇنچۇقلارنى ئوينىيالايدۇ، ئىشىكىنى ئىتتىرىپ ئاچالايدۇ، تارتمىنى تارتىپ ئاچالايدۇ ياكى ئىستاكاندىكى سۇنى تۆكەلەيدۇ. قەلەمنى تۇتۇپ قەغەزگە قالايمىقان سىزالايدۇ، قالايمىقان ئەگرى سىزىقلارنى سىزىشتىن بارا-بارا يۇمىلاق ۋە تۈز سىزىقلارنى سىزىشقا تەرەققىي قىلىدۇ. كېيىن يەنە بوۋاق ئېغىز، كۆز قاتارلىقلارنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ . بەزى بوۋاقلا يەنە مودېل ياغاچلارنى تىزالايدۇ.