ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلار كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە چوقۇم تولۇقلاشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەر

ھامىلىدارلار كومپيۇتېر ئىشلەتكەندە چوقۇم تولۇقلاشقا تېگىشلىك يېمەكلىكلەر

ۋاقتى: 2016-05-15 ئاۋاتلىقى: 615 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

 ئۇزۇن ۋاقىت كومپيۇتېر ئېكرانىغا تىكىلىپ قارىغاندا، كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ يورۇقلۇققا سەزگۈر ماددىسىنىڭ سەرپ بولۇشى تېزلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ۋاقىتىدا تولۇقلىمىغاندا ئۇ ۋىتامىنA  ۋە باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن بىرىكىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، كۆز ئاغرىش، نۇردىن قورقۇش، قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  ۋىتامىن A ۋە β-كاروتېن قاتارلىقلار كۆرۈش قۇۋىتىنى ياخشىلاپ، كۆزنىڭ چارچىشىنى يېنىكلىتىدۇ.
ۋىتامىنA : ۋىتامىن A ئاساسلىقى ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ جىگىرىدە، بېلىق مېيىدا، تۇخۇم سېرىقىدا بولىدۇ.


β- كاروتىن: ئاساسلىقى سەۋزە، پەمىدۇر، كاپۇستا قاتارلىقلاردا بولىدۇ.
ۋىتامىن C : ئۇ كۆزگە ناھايىتى پايدىلىق، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ مىقدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن كرىستال تەنچىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى قاتارلىق كېسەللىك ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ۋىتامىن C كۆپرەك بولغان كۆكتات، مېۋە قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.
سەۋزە: سەۋزە تەركىبىدە مول بولغان گلكوزا، كراخمال، ساخاروزىلار بار، ئۇنىڭ ئىچىدە ۋىتامىن A نىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ، ئۇنىڭ رولى بولسا بېلىق مېيى بىلەن ئوخشاش.



ئۇنىڭدىن باشقا، سەۋزە يەنە مول بولغان كاروتىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كۆز ۋە تېرىنى ئاسراش رولى بار.
كاپۇسكا: ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، كالىتسىي، فوسفۇر، ياغلار، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، تۆمۈر، كاروتىن قاتارلىقلار مول بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن يەنە كۆزنى قوغداش رولى بولىدۇ.
باشقا كۆزنى روشەنلەشتۈرگۈچى ماددىلار: پەمىدۇر، كۈدە، قالقات قېقى، كۆكمۇچ، ئۆرۈك، چىلان قاتارلىقلار.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى