بالىلارغا تەرەت قىلىش مەشىقىنى قانداق قىلدۇرۇش كېرەك؟
يانفوندا كۆرۈش
مەشىق قىلدۇرۇشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق: تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى بالىلارنىڭ تەرەت قىلىش مەشىقىنى قوبۇل قىلىش قىلالماسلىقىنىڭ ئۆلچىمى ۋە كۆرسەتكۈچى قىلىشقا بولىدۇ، سىز بالىڭىزغا تەرەت قاچىسىغا تەرەت قىلىشنى مەشىق قىلدۇرۇشتىن بۇرۇن بالىڭىزغا بۇنىڭ پرىنسىپىنى ئېنىق سۆزلەپ بېرىشىڭىز ۋە بالىڭىزغا نىسبەتەن ئىقتىدار مەشىقى ئېلىپ بېرىشىڭىز لازىم.
بەدەنگە نىسبەتەن تونۇش: بالىلارغا بەدەندىكى ھەرقايسى ئورگانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ فۇنكىسىيەسىنى ئېيتىپ بېرىش، چوڭ-كىچىك تەرەتنىڭ چىقىش ئورنىنى بالىلارغا بىلدۈرۈش كېرەك. بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ بالىلارغا ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆگىتىش ئۇلارغا بەدەننىڭ فۇنكىسىيەسىنى تونۇتۇشتىكى ياخشى ئۇسۇل. بالىلارغا چوڭلارنىڭ قانداق چوڭ تەرەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش، ئەلۋەتتە، قىز بالىلارغا نىسبەتەن ئانىلار، ئوغۇل بالىلارغا نىسبەتەن ئاتىلار ئۈلگە كۆرسىتىپ قويسا ئەڭ مۇۋاپىق، بالىلاردا ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەرىكىتىگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئوي شەكىللەنمەيدۇ، شۇڭلاشقا ئۈلگە كۆرسىتىش ھەرىكىتى ناھايىتى تەبئىيلا ئىشلەنسە بولىدۇ.
تەرەت قىلىش سۆزلىرى:
بالىلارغا ئېغىز ياكى قول ئىشارىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ چوڭ تەرەت قىلىدىغانلىقىنى چوڭلارغا بىلدۈرۈشنى ئۆگىتىش لازىم. تىلى كېيىنرەك چىققان بالىلار قول ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىسىمۇ بولىدۇ. بالىلار: ئوبۇرنىغا كىرىمەن، چوڭ-تەرەت قىلىمەن، كىچىك تەرەت قىلىمەن، چىچىمەن، سىيىمەن...، پەقەت چوڭلار بالىلارنىڭ نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلەلىسە بۇ سۆزلەردىن قايسىنى دېسە بولىۋېرىدۇ.