بوۋاقلارغا مېڭىشنى زىيادە بالدۇر ئۆگەتكەندە قانداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
سۆڭەك، مۇسكۇللارنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز. بەل، تۆۋەنكى مۈچە سۆڭەك-مۇسكۇللىرى تولۇق يېتىلمەي تۇرۇپلا مېڭىشقا باشلىسا، xشەكىللىك ياكى 0 شەكىللىك غەيرىيلىك كېلىپ چىقىشى، ئېغىر بولغاندا ھەتتا چارچاش خاراكتېرلىك سۆڭەك سۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ ئۆزلۈكىدىن ماڭسا، بۇنىڭ سۆڭەككە تەسىرى بولمايدۇ.
يېقىننى كۆرەلمەسلىك خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش سېزىمى تولۇق تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، ئۆمىلىگەندە ئۇ ئۆزى كۆرۈشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق. زىيادە بۇرۇن مېڭىشنى ئۆگەتكەندە، بوۋاق يىراقتىكى نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمىگەنلىكتىن، كۆزىنى كۈچەپ يوغان ئېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ، نەتىجىدە كۆز چارچاپ، كۆرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ. بۇ خۇددى يىراقنى كۆرەلمەسلەر كۆزەينەك تاقىمىسا گىرادۇس سانى ئۆرلەپ كەتكەنگە ئوخشاش ئىش.