ئالتۇن رەڭلىك تۇخۇم ئۇمىچى (8~12 ئايلىق بوۋاقلار ئۈچۈن)
ۋاقتى: 2015-09-30
ئاۋاتلىقى: 674 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: سەككىز ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار
خۇرۇچلار: بوۋاقلار گۈرۈچ ئۇنىدىن ئۈچ قوشۇق، بىر تال تۇخۇم، قايناقسۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1) تۇخۇمنى پىشۇرۇپ، تۇخۇم سېرىقىنى ئايرىۋالىمىز.
2) ئىلمان قايناقسۇغا بوۋاقلار گۈرۈچ ئۇنىنى چالىمىز (سۇيۇقراق چالسا ياخشى بولىدۇ)، تۇخۇم سېرىقىنى ئۈستىگە سېلىپ، قوشۇقنىڭ ئارقىسى بىلەن ئىزىپ ئارلاشتۇرساقلا بولىدۇ.
Tags: