B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گېرىپتار بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ قېلىش تەدبىرى
يانفوندا كۆرۈش
ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بالىنى B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گېرىپتار بولۇپ قېلىشتىن ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
1. پاسسىپ ئىممۇنىتېتلاش: B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ‹جىددى خاراكتېرلىك دەۋرى ۋە ئەسلىگە قايتىش دەۋرى› دىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ تۇغقان بالىسىغا نىسبەتەن، تۇغۇلۇپ 24 سائەتنىڭ ئىچىدە ۋە 3 ئاي، 6 ئايدا بىر قېتىمدىن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى قان زەردابى شارچە ئاقسىلى (HBIG)دىن 1-0.5 مىللىمېتر ئوكۇل قىلىش. %70-%80 قوغداش رولىنى ئوينىيالايدۇ.
2. ئاكتىپ ئىممۇنىتېتلاش: سىرتقى يۈز ئانتېتىللاسى ياكى e ئانتېتىللانىڭ بىرسى ياكى ھەر ئىككىسى مۇسپەت چىققان. ھامىلىدار ئايالنىڭ تۇغقان بالىسىغا نىسبەتەن تۇغۇلۇپ 24 سائەت ‹ياكى 7 كۈن› ، 1 ئاي، ئالتە ئايدا بىر قېتىم B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش، قان پلازما ۋاكسىنىسى ھەر قېتىمدا 20-30 مىكرو گىرام. گېن ۋاكسىنىسى 5 مىكرو گىرام.
3. بىرىكمە ئوكۇل ئۇرۇش: HBIG نىڭ ۋاكسىنىنىڭ ئۆزلىكىدىن ئىممۇنىتېت ھاسىل قىلىشىغا نىسبەتەن تەسىرى روشەن ئەمەس، پەقەت ۋاكسىنا ئۇرغان شارائىتتا ئۇنىڭ قوغداش نىسبىتى %90-%95 بولالايدۇ. بىراق بىر قىسىم e ئانتېتىللا مۇسپەت چىققان. ھامىلىدار ئاياللار تۇغقان بالىلار ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ %30 بالا سىرتقى يۈز ئانتىگېنىنىڭ ئېلىپ يۈرگۈچىسى بولىدۇ.
شۇڭلاشقا، ھازىر B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى بىلەن HBIG نى بىرلەشتۈرۈپ ئوكۇل قىلىش ئۇسۇلى ئومۇملاشماقتا، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ بوۋاقنى قوغداش ئۈنۈمى %85-%95 ئەتراپىدا. بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك:
1. HBIGتىن 0.5 گرامنى بالا تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە ئوكۇل قىلىش
2. B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىدىن 0.5 گىرام ‹گېن ۋاكسىنىسىدىن 5 مىكرو گىرام›بىلەن HBIGنى بىرلىكتە ئوكۇل قىلىش، ياكى بالا تۇغۇلۇپ 7 كۈن ئىچىدە يەنە بىر تەرەپتىكى مۇسكۇلىغا ئوكۇل قىلىش، كېيىن 1، 6 ئاي قەرەلى بويىچە بىر قېتىمدىن ئوكۇل قىلىش، 3-5 يىلدا بىر قېتىم كۈچەيتىش ۋاكسىنىسى‹گېن ۋاكسىنىسى 5 مىكرو گىرام› ئەملەش. تەكشۈرۈش نەتىجىسى كىچىك ئۈچ مۇسپەت چىققان. ھامىلىدار ئايال تۇغقان بالىلارغا نىسبەتەن بىرلەشتۈرۈپ ئوكۇل قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەملەش ئۇسۇلى قوللىنىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ قېلىش نىسبىتىنى كىچىكلەتكىلى بولىدۇ.