بىر يېرىم ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى
ۋاقتى: 2016-06-19
ئاۋاتلىقى: 614 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بىر يېرىم ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى
بالىلار رەسىم سىزىشتا ئشلىتىدىغان قەلەم، ماي بوياق، رەسىم سىزىدىغان تاختاي قاتارلىقلار.
ھەرخىل ئاددى بولغان قۇراشتۇرما رەسىم، بالىلارغا ھەرخىل شەكىللەرنى تونۇشنى ئۆگىتىدۇ، بالىلار شۇنى بۇزۇپ قايتا قۇراشتۇرۇشتىن خۇشاللىق تاپىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
بالىلار قەلەم ئىشلىتىشنى ئۆگەنگەندىن كىيىن قەغەزگە ۋە ئۆينىڭ تاملىرىغا قالايمىقان سىزىپ ئوينىشى مۇمكىن، بۇنداق چاغلاردا قانداق قىلىش كېرەك ؟
بالىغا ھەرگىز ۋارقىراپ جارقىرىماسلىق كېرەك، بولمىسا كەلگۈسىدىكى بىر داڭلىق رەسسامنى نابۇد قىلىپ قويىشىمىز مۇمكىن، ئەلۋەتتە ئۇنى شۇنداق دەپلا ئەركىنلىكىگە قويىۋىتىشكىمۇ بولمايدۇ، سىز ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلەپ ، رەسىم سىزىدىغان مۇۋاپىق جاي ۋە ھەر خىل ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدىغان ئويۇنچۇقلار :
ياغاچتىن ياسالغان ھەرخىل قۇراشتۇرما ئويۇنچۇقلار : ياغاچ ۋېنتا ، ياغاچ گايكا ۋە ھەرخىل ياغاچ پارچىلىرىدىن قۇراشتۇرۇلۇپ چىقىدىغان ئويۇنچۇق ماشىنا قاتارلىقلار، بالىلار ئۇنى بۇزىۋېتىپ يەنە قايتا ياساپ ئويناشنى ياقتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە كېلىپ چوڭ- كىچىك ۋىنتىلارغىمۇ قىزىقىپ قېلىشى مۇمكىن .
كۇبىك ئويۇنچۇقلار : بالىلار ئۇنى بۇزۇپ قايتا قۇراشتۇرۇش جەريانى ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ياخشى بولۇپ تەپەككۈر قىلىش ۋە قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى ئېشىشى مۇمكىن.
ھەرپلىك سۇلياۋ تاختايلار : 26 ھەرپنى قاتار تىزىپ بالىغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ قايتا ئېلىۋىتىپ، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىنى تاپقۇزۇپ جايىغا كىرگۈزۈش، بۇ ئويۇنچۇقنى بالىلار ئويناۋەرسىمۇ زېرىكىپ قالمايدۇ، ھەمدە بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ ھەرپلەرنى تونىۋىلىشىغىمۇ پايدىلىق. ئۇزۇن ئۆتمەي سىز ئۇنىڭ ھەرپلەرنى توغرا تەرتىپتە ئوقۇيالىغانلىقىنى ھەم ھەرپلەرنىڭ ئورنىنى ناھايىتى تېز تاپالايدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھەيرانلىقتا بايقايسىز.بۇنداق ئۆگىنىش ھەم قىزىقارلىق ھەم ئىنتايىن كۆڭۈللۈك.