بالىياتقۇسى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىلسە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتمەيدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئۆسمە سەۋەبىدىن بالىياتقۇسى، تۇخۇم نەيچىسى، تۇخۇمدىنى ئېلىۋېتىلگەن ئايالنىڭ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتەمدۇ؟
ئادەتتە بالىياتقۇ ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، تۇخۇمدان يەنىلا مەۋجۇت بولغاچقا ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتمەيدۇ. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بەزىلەر بالىياتقۇسى ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن ھەۋىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ؟ بۇ ئاساسەن بالىياتقۇ ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، ھەيز توختاپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىي يول قىسقىراپ، ئەزادىن چىقىدىغان ئاجرالمىلار ئازلاپ كەتكەچكە، پىسخىكا جەھەتتىن پەيدا بولغان بىر خىل خاتا قاراش. ئەمەلىيەتتە بالىياتقۇ ئېلىۋېتىلسىمۇ تۇخۇمدان ئاجرالما چىقىرىپ، ئىقتىدارنى تەڭشەپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ھەۋەسكە ۋە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتمەيدۇ.