ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(10)

مۇنەۋۋەر بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ؟(10)

ۋاقتى: 2016-02-05 ئاۋاتلىقى: 785 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بالىغا دەيدىغان سۆزلەر 
1) ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغان ئادەمگە بەك پىسەنت قىلىپ كەتمە، ھاياتىڭدا مەن ۋە ئاپاڭدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىش بۇرچى بولمايدۇ. ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغان ئادەملەرنى چوقۇم قەدىرلە، رەھمىتىڭنى بىلدۈر. 
2) ئورنىنى باسقىلى بولمايدىغان ئادەم بولمايدۇ، ئادەمنىڭ چوقۇم ئىرىشىشكە تېگىشلىك نەرسىسى بولمايدۇ، بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يېتەلىسەڭ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىڭدىن ئايرىلىپ قالساڭمۇ، ئۇنىڭ ھېچقانچە ئىش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ قالىسەن. 

3) ھايات تولىمۇ قىسقا بولىدۇ، بۈگۈن بەلكىم ھاياتىڭنى ئىسراپ قىلىۋاتقان بولۇشىڭ مۇمكىن، قانچە بالدۇر ھاياتىڭنى قەدىرلىسەڭ، ھاياتتىن شۇنچە بالدۇر ھۇزۇرلىنالايسەن. ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىپ ياشاشتىن، بالدۇرراق ھاياتنىڭ قەدرىگە يېتىش ئەۋزەلدۇر. 
4) سۆيگۈ بىر خىل ھېسسي تۇيغۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ھېسسىيات ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ۋە روھىي ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. ئەگەر سەن ئەڭ ياخشى كۆرىمەن دېگەن ئادىمىڭ سەندىن ئايرىلسا، سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ، ۋاقىتنىڭ ئۇنتۇلدۇرۇشىنى كۈتكىن، كەيپىياتىڭنى ئاستا-ئاستا تۇراقلاشتۇر، ئاچچىق ئەسلىمىلەر ھامان ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. مۇھەببەتنىڭ گۈزەللىكىگە زىيادە تەلپۈنمە، ئازابىغا زىيادە قايغۇرۇپ كەتمە. 
5) گەرچە نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەر كۆپ تەربىيە ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تىرىشىپ ئوقۇمايمۇ چوقۇم ئۇتۇق قازانغىلى بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. سەن ئۆگەنگەن بىلىملەر ساڭا قورال بولىدۇ. ئېسىڭدە بولسۇن، ئادەم قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ، ئەمما قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىسا ئاسانلا جەڭدە مەغلۇپ بولىدۇ. 
6) سەن ئۆزۈڭدىن ۋەدىگە ۋاپا قىلىشنى تەلەپ قىلساڭ بولىدۇ، ئەمما باشقىلارغا بۇنداق تەلەپ قويالمايسەن. سەن ئۆزۈڭدىن باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلساڭ بولىدۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلالمايسەن. سەن باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭ، باشقىلارنىڭ چوقۇم ساڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشى ناتايىن، ئەگەر بۇ نۇقتا ئىدىيەڭدىن ئۆتمىسە، ئۆزۈڭگە ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلارنى تېپىۋالىسەن. 
7) مەن ئۇزۇن يىل لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپمۇ پۇل تاپالمىدىم، ھەتتا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك مۇكاپاتمۇ چىقمىدى، بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەم باي بولماقچى بولسا چوقۇم ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ پۇل تېپىش كېرەك. بۇ دۇنيادا نەدىمۇ ھەقسىز چۈشلۈك تاماق بولسۇن. 



تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى