بالىلاردىكى قاتتىق ئىششىق يىغىندى كېسەللىكى قانداق كېسەللىك؟
ۋاقتى: 2015-10-10
ئاۋاتلىقى: 831 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاتتىق ئىششىق يىغىندى كېسەللىكى‹ neonatal scleredema› بولسا بىرخىل يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، سوغۇقتىن زەخىملىنىش، ياللۇغلىنىش، ياكى بالدۇر تۇغۇلۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى تېرە ئاستىدىكى ماي قىسىمنىڭ قاتتىق ھالەتكە كېلىپ قېلىشنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولۇش، ھەتتا ئەزالارنىڭ فۇنكسىيەسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش قاتارلىقلار بىرگە كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە سوغۇقتىن زەخىملىنىش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ، شۇڭلاشقا سوغۇقتىن زەخىملىنىش يىغىندى كېسەللىكى(寒冷损伤综合征)دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تېرە ئاستىدىكى ماي قىسىمنىڭ قېتىپ قېلىشى ۋە ئىششىقى بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.