قىرقى مەزگىلىدىكى كۈتۈنۈشكە دائىر ئەنئەنىۋى قاراشلاردىكى ئون تۈرلۈك خاتا چۈشەنچە (4)
يانفوندا كۆرۈش
يەتتىنچى: تۇغۇتتىن 24 سائەت كېيىن ئېمىتىش كېرەك دەپ قاراش
بەزى رايوندىكى ئاياللار، بەك بالدۇر ئېمىتسە ياخشى ئەمەس، تۇغۇتتىن 24 سائەت كېيىن ئېمىتىش مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە دەل شۇنىڭ ئەكسىچە، قانچە بالدۇر ئېمىتىشنى باشلىسا شۇنچە ياخشى. چۈنكى بالىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى شورىشى سۈت بېزىنىڭ سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا بالىياتقۇنىڭ يىغىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، بالىياتقۇنى بالدۇر ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇنداقلا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقمۇ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان تۇنجى سۈتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. دېمەك، بىر چالمىدا ئۈچ پاختەك سوققىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، تۇغۇتتىن 30 مىنۇت كېيىنلا ئېمىتسە بولىدۇ.
سەككىزىنچى: قىرقى توشقاندىن كېيىنلا جىنسىي تۇرمۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.
نۇرغۇن كىشىلەر قىرقى مەزگىلىدىن چىقىشنى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ
سالامەتلىكى تولۇق ئەسلىگە كېلىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالغاچقا، كۆپ قىسىم ئاتا – ئانىلار بوۋىقى ئېيىغا توشقاندىن كېيىنلا جىنسى تۇرمۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىش تېخى بالدۇر ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، يەڭگىش جەريانىدا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ۋە جىنسىي يول دىۋارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇ بىر ئاي ئىچىدە تولۇق ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تۇغۇتتىن كېيىن 8~ 6 ھەپتىدىن كېيىن جىنسىي تۇرمۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىخەتەر ھېسابلىنىدۇ.