بوۋاققا قايسى خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يېتىشمىگەنلىكى قانداق بىلىمىز؟(6)
يانفوندا كۆرۈش
1. ۋېتامىن B12
ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى: بىلەك ۋە يوتا قىسمى سىرقىراپ ئاغرىيدۇ، ئېغىز ئاغرىغاندەك سېزىم بولىدۇ، مېڭىش قولايسىزلىشىدۇ، پۇت-قوللار ئويۇشقاندەك سېزىم پەيدا بولىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، تىلى كالۋالىشىپ، ئىنكاسى ئاستىلاپ كېتىدۇ.
يېمەكلىك كۆرسەتمىسى: تەركىبىدە ۋېتامىن B12 مول بولغان يېمەكلىكلەردىن موگۇ، تۇخۇم سېرىقى، ئورۇق كالا گۆشى، كالا بۆرىكى، كالا جىگىرى، كۆك بېلىق، ئويسىتېر قۇلۇلىسى قاتارلىقلار بىلەن كۆپرەك ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك.
11. ۋېتامىن C
ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىلىرى: تېرىدە دائىم قان ئويۇپ قېلىش، چىش مىلىكى قاناش، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەش، دائىم نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆرۈلۈش، بۇرنى قاناش، بۇغۇملار ئاغرىش، يارا ئېغىزى ئۇزۇنغىچە ساقايماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
يېمەكلىك كۆرسەتمىسى: تەركىبىدە ۋېتامىن C مول بولغان يېمەكلىكلەردىن كەرەپشە، پالەك، كۆك لازا، كاپۇستا، بۆلجۈرگەن، پەمىدۇر، لىمون، تۇرۇپ يوپۇرمىقى، يېسىۋېلەك، تۇرۇپ، دادۇر قاتارلىقلار بىلەن كۆپرەك ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك. سەي-كۆكتاتنى پۇشۇرغاندا ۋېتامىن Cنىڭ خوراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.