سۈنئىي يېمەكلىكلەرنى تەييارلاشقا كېتىدىغان بۇيۇملارنى تازىلاش ھەمدە دېزىنفېكسىيە قىلىش(1)
يانفوندا كۆرۈش
سۈنئىي يېمەكلىكلەرنى تەييارلاشقا كېتىدىغان بۇيۇملارنى تازىلاش ھەمدە دېزىنفېكسىيە قىلىش(1)
زۆرۈر بولغان بۇيۇملار :
سۈت بوتۇلكىسى: 6~5 كىچە سۈت بوتۇلكىسى تەييارلاش ، سېغىمى ml 200 بولغان ئىسسىققا چىداملىق ئەينەك سۈت بوتۇلكىسى بولسا بىر قەدەر مۇۋاپىق.
ئېمىزگە: سۈت بوتۇلكىسىغا ماس كەلگەن ئېمىزگىدىن 4~3 نى تەييارلاش، تاللىغان سۈت بوتۇلكىسىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى ئېمىزگە ۋە ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئېمىزگىنى تاللاش كېرەك.
تازىلاش ئەسۋابلىرى: مەخسۇس ئىشلىتىلدىغان سۈت بوتۇلكىسى چوتكىسى ۋە ئېمىزگە چوتكىسى تەييارلاش.
تاللاشقا بولىدىغان بۇيۇملار: پاكىزە خالتا، بىر قېتىملىق ئىشلىتىلىدىغان خالتىنى ۋە دېزىنفېكسىيەلەنگەن سۈت بوتۇلكىسى سېتىۋېلىش. بۇ خىلدىكى خالتا سۈت بوتۇلكىسىنىڭ ئىچىدىكى ھاۋانى ئازايتىدۇ، بۇ قورسىقى ئاغرىيدىغان بالىلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
سۈت بوتۇلكىسىنى سوۋۇتقۇچ: ئۆلچەملىك دالىدا سوۋۇتۇش خالتىسى ئىشلىتىش ياكى مەخسۇس سۈت بوتۇلكىسىنى سوۋۇتۇش خالتىسى سېتىۋېلىش، بوۋاقنىڭ كېچىدە ياكى سىرتلارغا چىققان ۋاقتىدا ئېمىتىشىكە قولايلىق ئېلىپ كېلىش.
سۈت بوتۇلكىسىنى ئىسىتقۇچ: تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشىگىلى بولىدىغان سۈت ئىسىتقۇچ بىلەن قويۇپ قويغىلى ئۇزۇن بولمىغان سۈتنى ئىسىتقىلى بولىدۇ.
سۈت پاراشوكىنى ساقلاش قۇتىسى: كىچىك تىپتىكى سۈت پاراشوكىنى ساقلاش ئېدىشى بىلەن سىرتلارغا چىققاندا سۈت پاراشوكىنى ساقلاشقا ئەپلىك بولىدۇ.
سۈت بوتۇلكىسىنى قۇرۇتۇش جازىسى: سۈت بوتۇلكىسىنى ۋە بوۋاقنىڭ باشقا بۇيۇملىرىنى ئايرىشقا ۋە ئېلىپ يۈرۈشكە ناھايتى ئەپلىك بولغان بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ.
سۈت بوتۇلكىسى دېزىنفېكسىيەلەش قازىنى: مەخسۇس سۈت بوتۇلكىسى ۋە بوۋاق ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى دېزىنفېكسىيەلەش ئۈسكۈنىسى.