ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قانداق قىلغاندا بەدەن ئېغىرلىقىنى ساغلام كونترول قىلغىلى بولىدۇ ؟

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قانداق قىلغاندا بەدەن ئېغىرلىقىنى ساغلام كونترول قىلغىلى بولىدۇ ؟

ۋاقتى: 2016-07-03 ئاۋاتلىقى: 680 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

قانداق قىلغاندا بەدەن ئېغىرلىقىنى ساغلام كونترول قىلىپ، بەدەن شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ نۇرغۇن ئانا بولغۇچىلار بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىدۇ، قورساقتىكى بالىنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئانا بولغۇچى يېمەك –ئىچمەك مىقدارى ۋە قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك، نورمال دائىرىدە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئىشىشى ئەنسىرىگۈدەك ئىشمۇ ئەمەس، شۇڭا ئانا بولغۇچىلار بەكمۇ ئەنسىرەپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كەتكەندە، ئۆزىگىمۇ، ھامىلىگىمۇ ئوخشاشلا پايدىسىز، ھامىلىدار  ئايالنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ بەك ئېشىپ كېتىشى نۇرغۇن كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىم، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابىت كېسىلى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەر، ھامىلىدار ئايالنىڭ گىگانت بوۋاق تۇغۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرىلايدۇ، تۇغۇت قىيىنلىشىدۇ، ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ، ھامىلىدارلىق ئىزىدىن ساقلىنىش تېخخمۇ بەك تەسكە چۈشىدۇ. شۇڭلاشقا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.


ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا بەدەن ئېغىرلىقىنى ساغلام كونترول قىلىغىلى بولىدۇ ؟
بەدەن ئېغىرلىقىنى نورمال ساقلاشتا، يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. يېمەكلىكنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش بوۋىقىڭىزنىڭ مۇھىم بولغان ئوزۇقلۇق ماددىغا ئېرىشىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئورۇقلاش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس.
1. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە نېمە يېيىش، قانداق يېيىشنى ئوبدان ئويلىشىش كېرەك . ھەر كۈنى ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك، كەچلىك تاماقنى خاتىرىلەپ قويۇش ئۆزىنىڭ نېمە يەۋاتقانلىقىنى، يېيىشكە تېگىشلىك بولمىغان نەرسىنى يەپ سالغان-سالمىغانلىقىنى بىلىشكە ياردىمى بولىدۇ. خاتىرىلەش داۋامىدا، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش ۋە ساقلىقنى ساقلاشتەك قوش مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.



2. ئۆزىڭىزنى بەك ئاچ قويماڭ، چۈنكى بۇنداق قىلسىڭىز، كېيىنكى تاماقنى كۆپرەك يېيىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ، توغرىسى ھەر ۋاق تاماقنى ئازراق يەپ، ئىككى تاماق ئوتتۇرىسىدا قوشۇمچە بىر نەرسە يېيىش، ئۈچ ۋاق تاماق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىق كېرەك. ئەتىگەنلىك ناشتىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ، ئىككى تاماق ئارىلىقىدا ئازراق قورساق ئاچقاندەك سېزىم بولسا، ساغلام يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش كېرەك. مەسىلەن، ئاقسىل مول بولغان خۇاسىڭ قىيامى سۈركەلگەن ئالما دېگەندەك، بىر بوتۇلكا مايسىزلاشتۇرۇلغان سۈتتە قىلىنغان شاكىلات، قېتىق، كالىتسىي تولۇقلىغۇچى قاتارلىقلار، ئۇششاق چۈششەك نەرسە يەيدىغان ئادەتنى كونترول قىلىڭ.
3. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۆپرەك ھەرىكەت ئىشلەپ بېرىش، دوختۇر يول قويغان ئەھۋال ئاستىدا، يېنىك ھەرىكەتلەرنى ئىشلەشكە بولىدۇ، مەسىلەن، سەيلە قىلىش، سۇ ئۈزۈش دېگەندەك. مۇۋاپىق ھەرىكەت بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ كونترول قىلىش ئۈنۈمىگە ئېرىشتۈرۈپلا قالماستىن، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ئازادە قىلىۋېتىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى