ھامىلىدارلىقنىڭ 5-ھەپتىسىدە تۆرەلمىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى
يانفوندا كۆرۈش
بۇ ھەپتىدىن باشلاپ تۆرەلمە بىخى بالىياتقۇدا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە يېتىلىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بوۋىقىڭىز ئاللىبۇرۇن كۈنجۈتتەك چوڭلۇققا كېلىپ بولغان بولىدۇ. بىراق كۆرۈنۈشتە ئۇ تېخى ئادەمنىڭ شەكلىگە ئوخشىمايدۇ، بەلكى بىر تال قۇمچاققا بەكرەك ئوخشايدۇ. ئۇ ھازىر ئۈچ قەۋەت تۆرەلمە قەۋىتىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ئايرىم تاشقى تۆرەلمە قەۋىتى، ئوتتۇرا تۆرەلمە قەۋىتى ۋە ئىچكى تۆرەلمە قەۋىتىدىن ئىبارەت. بۇ ئۈچ قەۋەت تۆرەلمە قەۋىتى كېيىن يېتىلىپ بالىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىنى ۋە توقۇلمىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ھۈجەيرىلەر بۆلۈنۈپ بالىنىڭ ھەر قايسى ئاساسلىق ئەزالىرىنى (مەسىلەن بۆرەك، جىگەر) شەكىللەندۈرىدۇ، نېرۋا تومۇرلىرىمۇ يېتىلىشكە باشلايدۇ. نېرۋا تومۇرلىرى تۆرەلمە سىرتقى قەۋىتىنىڭ بۆلۈنۈشىدىن شەكىللىنىپ، كېيىنچە يېتىلىپ بالىنىڭ چوڭ مېڭىسى، يۇلۇن،نېرۋا ۋە ئومۇرتقا قاتارلىقلارغا ئايلىنىدۇ. سىرتقى تۆرەلمە قەۋىتىدىن يەنە بوۋاقنىڭ تېرىسى، چېچى، تىرنىقى، سۈت بېزى، تەر بېزى شۇنداقلا چىش ئىمال ماددىسى قاتارلىقلار شەكىللىنىدۇ. بوۋاقنىڭ يۈرىكى ۋە مېتابولىزىم سىستېمىسى ئوتتۇرا تۆرەلمە قەۋىتىدىن شەكىللىنىدۇ. (ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە، بوۋىقىڭىزنىڭ كىچىككىنە يۈرىكى ئاللىبۇرۇن يۈرەك قېرىنچىسى ھالىتىگە كىرىپ بولىدىغان بولۇپ، يۈرىكى ھەرىكەتلىنىشكە باشلايدۇ، ھەمدە قان چىقىرىشقا باشلايدۇ.) ئوتتۇرا تۆرەلمە قەۋىتى يەنە بۆلۈنۈش ئارقىلىق بالىنىڭ موسكۇل، كۆمۈرچەك، يىلىك ۋە تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۈچىنچى قەۋىتى يەنى ئىچكى تۆرەلمە قەۋىتى بولسا بوۋاقنىڭ ئۆپكە، ئۈچەي يولى، دەسلەپكى سۈيدۈك يولى سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ۋە قالقانسىمان بەز، بېغىر ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىقلارنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆرەلمە ئۈچۈن ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېن يەتكۈزۈپ بەرگۈچى ئەڭ دەسلەپكى شەكىلدىكى بالا ھەمرىيى ۋە كىندىك بېغىمۇ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى باشلايدۇ.
تۆۋەندىكى رەسىمدە تۆرەلمىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان
تۇخۇم سېرىقى خالتىسى: ئۇ ناھايىتى تېزلا توختاپ يېتىلىۋاتقان بالا ھەمرىيىغا تۇتىشىدۇ.
دوۋسۇن: سىز ئاساسەن دىققەت قىلغانسىز، كىچىك تەرىتىڭىز بارغانسېرى قىستاۋاتقاندۇ. بۇ دەل سىزنىڭ تېنىڭىزدىكى قان مىقدارىنىڭ كۆپىيىپ، ئارتۇقچە سۇيۇقلۇقنىڭ كۆپلەپ شەكىللىنىپ دوۋسۇنغا يىغىلغانلىقىدىن بولغان.
تۆرەلمە بىخى: تۆرەلمە ھازىر كۈنجۈتچىلىك چوڭلۇقتا، 3 قەۋەت نېپىز ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن. تۇخۇم تۈرمىلىگە ئوخشاپ قالىدۇ.
نېرۋا نەيچىسى: ئەڭ سىرتقى قەۋەت تۆرەلمە قەۋىتىدىن شەكىللىنىدۇ، كېيىنچە يېتىلىپ چوڭ مېڭە، يۇلۇن ۋە نېرۋىغا ئايلىنىدۇ.
باش سۈيى خالتىسى: بۇ ۋاقىتتا باش سۈيى خالتىسى تۆرەلمىنى ئوراپ تۇرغان بولۇپ، تۆرەلمە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان باش سۈيىدە لەيلەشكە باشلايدۇ.
ئىپتىدائىي بالا ھەمرىيى: ئىپتىدائىي بالا ھەمرىيىدا ئازراق تۈكچىلەر ئۆسكەن بولۇپ، قېنىڭىزدىن ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېننى سۈمۈرۈپ، تۆرەلمىگە يەتكۈزۈپ بېرىش رولىنى ئۆتەيدۇ.