ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنىڭ مەزمۇنلىرى

تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنىڭ مەزمۇنلىرى

ۋاقتى: 2015-10-14 ئاۋاتلىقى: 703 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

تويدىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى:  ئىرسىي خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ۋە كۆپىيىش ئەزالىرى.  
تويدىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنىڭ مەقسىتى:  ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئادەتتە تويدىن بۇرۇنقى سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
كېسەللىك تارىخىنى سۈرۈشتۈرۈش

قىز-ئوغۇل ئىككى تەرەپنىڭ سالامەتلىك تارىخى (ئىلگىرىكى كېسەللىك تارىخى ۋە ھازىرقى كېسەللىك تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ(
ھامىلىدار بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك جىنسىي كېسەل، يۇقۇملۇق كېسەل ۋە ئىرسىي كېسەللىكلەر تارىخى، مۇھىم ئىچكى ئەزالار، كۆپىيىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، ئەقلى ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى سۈرۈشتۈرۈش. 
شەخسنىڭ تارىخى: ئايال تەرەپنىڭ ھەيز كۆرۈش تارىخى ۋە ئەر تەرەپنىڭ ئىسپېرما چىقىرىش ۋە جىنسىي ئىقتىدارى قاتارلىق ئەھۋاللىرى، ھاراق ئىچىش ۋە تاماكا چېكىش ، ئوزۇقلىنىش ئادىتى، تۇرمۇش، خىزمەت ۋە مۇھىتى قاتارلىقلار، ئانىسى ۋە ئاتىسى تەرەپتىن يېقىن تۇغقانلار ئۆز-ئارا توي قىلغانلار تارىخى بار-يوقلىقى قاتارلىقلار. ئەگەر ئىككى تەرەپتىن قايتا توي قىلغانلار بولسا،  ئىلگىرىكى نىكاھ ۋە پەرزەنتلىك بولۇش تارىخى. 
جەمەت تارىخى:  ئاتا-ئانا، ئاتىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئانىسىنىڭ  ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ئىنىلىرى ۋە ئاچا سىڭىللىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، ئۈچ ئەۋلاد تۇغقانلىرى ئىچىدىكى ئىرسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ بار-يوقلىقى، تۇغما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ بار-يوقلىقى. ئائىلىسىدىكىلەر ۋە جەمەتىدىكىلەرنى تەكشۈرۈتۈش ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىشنىڭ ئىرسىي كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇپ، چۈشىنىشكە ياردىمى بولىدۇ، ھەمدە كېسەل قوزغىلىش خەتىرى بار-يوقلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. 
ئەسكەرتىش:  ئەگەر سىلەر تويدىن كېيىن ئوماق بىر پەرزەنتكە ئاتا-ئانا بولۇشنى خالىساڭلار، دوختۇر سورىغان ھەر قانداق سوئالغا راستچىللىق بىلەن سەمىمىي ھالدا جاۋاب بېرىشىڭلار كېرەك. 
بەدەن ھالىتىنى تەكشۈرۈش
ئادەتتىكى ئەھۋال. مەسىلەن:  بوي ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى، قان بېسىمى، ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى، كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش ئىقتىدارى، لىمفا بەز، قالقانسىمان بەز، پۇت-قول قاتارلىقلار.  
مۇھىم ئىچكى ئەزالار. مەسىلەن:  يۈرەك، ئۆپكە، جىگەر بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزالاردا ئەزا خاراكتېرلىك كېسەل بار-يوقلىقى، كۆپىيىش ئەزالىرى ۋە قوشۇمچە جىنسىي ئالامەتلەر.  
ئايال تەرەپ قورساق قىسمى ۋە مەقئەت يولىغا قارىتا تەكشۈرۈتۈش ئېلىپ بېرىش، بالىياتقۇنىڭ يېتىلىشى ۋە كاللەكچە بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
سىرتقى كۆپىيىش ئەزالىرى:  قىزلىق پەردىسىنىڭ تاقاق ھالەتتىمۇ ياكى ئەمەسلىكى، دىلچىق يوغىناپ كەتكەن  ۋە سۈيدۈك يولىدا زەخىملىنىش ۋە شەكىل ئۆزگىرىش ئەھۋالى بار-يوقلىقى قاتارلىقلار. 
سىرتقى تېرىسىنىڭ سىلىقلىقى، تېرە شىللىق پەردىسىنىڭ رەڭگى، ئاجراتما خاراكتېرىدىكى ماددىلارنىڭ ھالىتى، چىقىرىش خاراكتېرىدىكى كېسەللىكلەر. 
ئەر تەرەپ:  خەتنىلىكىنىڭ زىيادە ئۇزۇنلۇقى (包皮过长)، خەتنىلىكىنى قىسىۋېلىش (包茎)، زەكەر بېشى ياللۇغى، ئۇرۇقدانسىزلىق كېسىلى، سۈيدۈك يولىنىڭ ئاستى ۋە ئۈستىدە زەخىملىنىش بار—يوقلىقى، زەكەر كىچىك بولۇش، يوشۇرۇن ئۇرۇقدانلىق كېسىلى، سۈيدۈك يولىدا ياللۇغلىنىش ئالامىتىنىڭ بار-يوقلىقى قاتارلىقلار. ئەگەر بار بولسا ۋاقتىدا داۋالىتىش لازىم. 
ئىككى تەرەپتىكى غەيرىلىك ئەھۋاللىرى، بەدەن شەكلى، بەدەن ئېغىرلىقى، داس سۆڭىكى شەكلى، بۇغدىيىكىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئاۋاز تېمبىرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، تۈك خالتىلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، ئايال تەرەپنىڭ كۆكسىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلار. 
تەجرىبە ئۆيىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش.  مەسىلەن:  جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى، ئۆپكە سىغىمچانلىقى،  قان ئايلىنىش ئەھۋالى، سۈيدۈك چىقىرىش ئەھۋالى، ئايال تەرەپنىڭ ئاق خۇن نورمال ياكى ئەمەسلىكى، ئەر تەرەپنىڭ ئىسپېرما چىقىرىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈتۈش. 
ئەسكەرتىش:  تويدىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش ئارقىلىق، ئەگەردە ھەرخىل كېسەللىك ۋە يوشۇرۇن كېسەللىكلەر بايقالسا، دوختۇر ۋاقتىدا داۋالايدۇ ۋە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىدۇ، شۇڭا، توي قىلغۇچىلار دوختۇرنىڭ ھەر قايسى تەكشۈرۈشلىرىگە ئاكتىپ ماسلىشىشى كېرەك. 
سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش ئارقىلىق، دوختۇرلار ھەرخىل فىزىيولوگىيەلىك بىلىملەرنى توي قىلغۇچىلارغا تونۇشتۇرىدۇ، بۇ بىلىملەر ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ۋە ھامىلىدار بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دوختۇرلار ئەر-ئاياللارنىڭ توي قىلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم بولۇشى ۋە پىلانلىق پەرزەنت كۆرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. كېسەل بايقالغان ۋە كېسەل بولۇش ئېھتىماللىقى بارلارغا دوختۇرلار تېزدىن داۋالىنىش ياكى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى، سالامەتلىكى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن توي قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدۇ. ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەل بارلارغا توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولسا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بېرىدۇ. 
كۆرسەتمىلەر: 
ھازىر تويدىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈشنىڭ يېڭى ھەم مۇۋاپىق ئۆلچەملىرى بارلىققا كەلدى. ئۆزىڭىزنىڭ ھوقۇقىنى تولۇق قوغداش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىلەرنى چۈشىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. 
ئايال تەرەپ تېببىي تەكشۈرۈتۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، قىزلىق پەردىسىنىڭ يېتىلىشىنى تەكشۈرتكەندىن سىرت، باشقا ھەر قانداق تەكشۈرۈشلەرنى رەت قىلىشقا بولىدۇ. يېتىلىشى بىنورمال دەپ گۇمان قىلىنسا، سەۋرىچانلىق بىلەن تەپسىلىي تەكشۈرتۈش لازىم.  
تويدىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش نەتىجىسى، شۇ ئادەمنىڭ مەخپىيەتلىكى ھېسابلىنىدۇ ھەم قەتئىي مەخپىي تۇتۇلىدۇ. تويدىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرگۈچى ئورگانلار تەكشۈرتكۈچىلەرنىڭ «تويدىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئەھۋالى ئىسپاتى»نى قوبۇل قىلىشى ۋە دوختۇر ئۆز پىكىرىنى يېزىشى كېرەك. 
ئىككى تەرەپنىڭ بىۋاسىتە تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بار-يوقلىقى، ئۈچ ئەۋلاد تۇغقانلار ئىچىدە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بارلارنىڭ بار-يوقلىقى ھەم تېببىي ساھەدە توي قىلىشقا بولمايدىغان كېسەللىكلەر دەپ كۆرسىتىلگەن كېسەللىكلەرنىڭ بار-يوقلىقى، شۇنداق كېسەللىكلەر بولسا، توي قىلىشىغا ماس كەلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى پىكىرىنى يېزىش  كېرەك. 
تېببىي ساھەدە توي قىلىشقا بولمايدىغان ئېغىر تىپتىكى ئىرسىي كېسەل دەپ كۆرسىتىلگەن كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار ياكى  باشقا ھەرخىل ئىچكى ئەزالىرىدا كېسەل بارلار بايقالسا «توي قىلىشقا مۇۋاپىق ئەمەس» دەپ ئەسكەرتىش لازىم. 
بېكىتىلگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تارقىلىۋاتقان مەزگىل، مۇناسىۋەتلىك روھىي كېسەللىكلەر قوزغىلىش مەزگىلى ئىچىدە ئىكەنلىكى ياكى تېببىي ساھەدە ۋاقتىنچە توي قىلىشقا بولمايدىغان كېسەللىكلەر بارلىقى بايقالسا «ۋاقتىنچە توي قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ ئەسكەرتىش لازىم. 
يۇقىرىدىكى ئەھۋاللار بايقالمىسا، تويدىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈشنىڭ  قانۇندىكى بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن: «توي قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئەھۋال ياكى كېسەللىكلەر بايقالمىدى» دەپ ئەسكەرتىش لازىم. 

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى