ھامىلىدارلىقنىڭ 35-ھەپتىسىدە قانداق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بېرىش كېرەك؟-ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يېمەكلىك ئىستېمالدىن خۇلاسە
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 35- ھەپتىسىدە مۇۋاپىق مىقداردا كالا گۆشى قورۇمىسى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە مۇسكۇللارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. يەنە بىرقانچە ھەپتىدىن كېيىنلا يەڭگىيدىغان بولغاچقا ھامىلىدار ئاياللار تەركىبىدە سىنك مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بېرىش لازىم. سىنكنىڭ ئاساسلىق رولى بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئېنزىملارنىڭ ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنى تېزلىتىدۇ ۋە ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدىن چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۇغۇتتىن بۇرۇن ۋىتامىنK ئىستىمال قىلىپ بېرىش لازىم، ۋىتامىنK نىڭ «قان توختىتىش گۆھىرى» دېگەن نامى بار. ئەگەر ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تېنىدە ۋىتامىنK كەمچىل بولسا بويىدىن ئاجراپ كېتىشنىڭ خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ، تۇغۇتتا كۆپ قان چىقىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭلاشقا تۇغۇتتىن مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت كۈندىن بىرئاي بۇرۇن تەركىبىدە ۋىتامىنK مول بولغان يېمەكلىكلەردىن چېچەكسەي، يېسسىۋېلەك ، پالەك، ئوسۇڭ، ئاق چامغۇر يوپۇرمىقى، پىشلاق، ھايۋانات جىگىرى، دانلىق زىرائەتلىك يېمەكلىك قاتارلىقلارنىڭ ئىستىمال مىقدارىنى كۆپەيتىش لازىم.
ھامىلىدارلىقنىڭ 35-ھەپتىسىدە قايسى يېمەكلىكىنى ئاز ئىستىمال قىلىش كېرەك؟--بۇ مەزگىلدە ھامىلىدار ئاياللار ياۋايى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئىستىمال قىلماسلىقى لازىم.