ھامىلىدارلىقنىڭ 11-ھەپتىسى دادا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئايالنىڭ خارەكتېر ۋە مىجەزىدە چوقۇم ئۆزگىرىش بولىدۇ ئەلۋەتتە، ئۆيدە ھەممە ئىشتىن قۇسۇر ئىزدەپلا يۈرىدۇ، روھىي جەھەتتە ئاجىزلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر بولغۇچى ئايالىنىڭ بۇ خىل مىجەز ئۆزگىرىشىلىرىنى توغرا چۈشىنىشى كېرەك، ئامال بار ئايالىنىڭ رايىغا بېقىشى، يول قويۇشى كېرەك. ھازىر نۇرغۇن ئەرلەر ھامىلىدار بولۇش پەقەت ئايال كىشىنىڭلا ئىشى ئەمەسلىكى، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەرلەرنىڭمۇ نۇرغۇن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتىۋاتىدۇ. ئايالىڭىز ۋە بوۋىقىڭىز ئۈچۈن بۇ مەزگىلدە چوقۇم كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئايالىڭىز سىزنىڭ روھىي جەھەتتە يۆلەپ تۇرىشىڭىزغا، ئۇنى يالغۇزسىراتماسلىقىڭىزغا ئىنتايىن مۇھتاج بولىدۇ. ئايالىڭىز بىلەن ھامىلىنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق كۆپ پاراڭلىشىڭ، ئايالىڭىزنىڭ ھامىلىدارلىق ئۆزگىرىشلىرىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈڭ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بالىڭىزنىڭ كۆزى، ئېغىزى قاتارلىق جايلىرىنىڭ كىمگە ئوخشايدىغانلىقى ھەققىدە پەرەز قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ تۇرۇڭ.